شى جىنپىڭ دومىنىكا زۇڭلىسى سىكەررېت بىلەن كۆرۈشتى

2024.03.26 09:13 مەنبە: خەلق تورى

  3- ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن دومىنىكا زۇڭلىسى سىكەررېت بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خوڭ فوتوسى

  3- ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن دومىنىكا زۇڭلىسى سىكەررېت بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دومىنىكا كارب رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن دومىنىكا باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، جۇڭگو - دومىنىكا مۇناسىۋىتى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا تەرەپنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، دومىنىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن 20 يىلدىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو - دومىنىكا مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - دومىنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاچقۇچ ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشىدە، ئۆزئارا قوللىشىدا. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، دومىنىكا تەرەپ بىلەن دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. دومىنىكا تەرەپنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ دومىنىكىلىق ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، دومىنىكا تەرەپنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق پۇرسەتلەر بىلەن داۋاملىق تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپ دومىنىكا دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ كۇڭزى دەرسخانىسىنى ئورتاق ياخشى قۇرۇپ، دومىنىكىدا كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ چوڭ - كىچىك، كۈچلۈك - ئاجىز دەپ ئايرىلماي ھەممىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تەرەققىي قىلىۋاتقان كىچىك ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، دومىنىكانىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، دومىنىكا تەرەپ بىلەن بولغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كارب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دومىنىكا تەرەپنىڭ كارب ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغان مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن كارب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، كارب رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ.

  سىكەررېت مۇنداق بىلدۈردى: 20 يىل ئىلگىرى مەن جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئىبارەت توغرا تەدبىرنى چىقارغانىدىم، دومىنىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. دومىنىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوللاشنى ئاساس قىلغان. 20 يىلدىن بۇيان، دومىنىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى، نەتىجىلەر ئىنتايىن مول بولدى. جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، بەلكى دومىنىكا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ دومىنىكا خەلقى تەبىئىي ئاپەت ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا ئۇچرىغان پەيتتە باشتىن - ئاخىر قەتئىي تۈردە دومىنىكا خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگونىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىنى دومىنىكانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇلار دومىنىكا تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغدىشىغا زور كۈچ قوشتى. دومىنىكا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قايىل، بۇ، بۈگۈنكى دۇنيادا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. دومىنىكا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ھەققانىي ئىشلىرىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىدۇ. دومىنىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلق دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ، دومىنىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. دومىنىكا تەرەپ كارب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ. دومىنىكا تەرەپمۇ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ