مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ جيېيى يىغىندا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ليۇ جيېيىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە خەلق سارىيىدا ئېچىلىدىكەن، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدىكەن، يىغىن ۋاقتى ئالتە كۈن ئىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە، ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنى ۋە ئىككى قېتىملىق چوڭ يىغىندا سۆز قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، ئەزالار تۇرۇشلۇق جايدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ساھەلەر بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ۋە كۆپ قېتىم ئەزالار ساھەلەر گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىلىدىكەن، قىسمەن ساھەلەردە بىر قېتىم ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنىغا چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىدىكەن.
يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە مۇزاكىرە قىلىش؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى، دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش.
ليۇ جيېيى ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2023-يىلى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل. بىر يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى.
ليۇ جيېيى مۇنداق بىلدۈردى: 2024-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەركەزنى زىچ چۆرىدەپ ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.
ليۇ جيېيى «سىياسىي كېڭەش دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتا قانداق رول ئوينايدۇ» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئەزالار ئىقتىسادىي قاارالمىلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، بۇ سىياسىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىشتىكى مۇھىم نۇقتىسى. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ماكرولۇق ئىقتىساد ۋە مۇھىم ئىقتىسادىي قارالمىلار توغرىسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش جەھەتتە پۇختا، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى؛ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى؛ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ياردەم بەردى؛ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. بۇ يىل، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە داۋاملىق ياردەم بېرىپ، ئىقتىساد ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردە كۆپ خىل شەكىلدىكى كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
ليۇ جيېيى «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتە قانداق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، پۈتكۈل جەرياندىكى خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم شەكلى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش شەكلىنى داۋاملىق بېيىتىپ، كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەت قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كېڭىشىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى نامايان قىلىش تەلىپىنى سىياسىي كېڭەش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريان، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈردى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىدىن بۇيان، تۈرلۈك كېڭىشىش پائالىيەتلىرىدىن 94 مەيدان قېتىم ئۆتكۈزۈلدى، كېڭىشىشكە 5087 ئادەم قېتىم قاتناشتى، 1602 ئادەم قېتىم سۆز قىلدى، بۇ كەڭ ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى.
2023-يىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭىلىق يارىتىپ ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ليۇ جيېيى بۇ پائالىيەتنىڭ كونكرېت ئۈنۈمى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان جەمئىي 2500گە يېقىن «خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاممىدىن ئەقىل-پاراسەت ئېلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پۇختا تەدبىرگە ئايلاندى. 2024- يىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئاممىغا پايدىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتە رولىنى پائال جارى قىلدۇرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى