جاۋ لېجى جىبۇتى مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى دىلېيتا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.01.24 08:54 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جىبۇتى مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى دىلېيتا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  جاۋ لېجى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ جىلەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- جىبۇتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى مول ئۈنۈملۈك بولدى. بۇ يىل جۇڭگو- جىبۇتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. جۇڭگو جىبۇتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو- جىبۇتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو جۇڭگو-جىبۇتى مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. جۇڭگو جىبۇتىنىڭ تەيۋەن، شىنجاڭ، شياڭگاڭ، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە بەرگەن قىممەتلىك ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جىبۇتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە مۇستەقىل ئىزدىنىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پورت ۋە ئەركىن سودا رايونى، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو جىبۇتىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ئۈچ چوڭ تەشەببۇسنىڭ جىبۇتىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  جاۋ لېجى مۇنداق بىلدۈردى: قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جىبۇتى مىللىي پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام، مەخسۇس كومىتېتلىرى، ئىككى تەرەپ دوستلۇق گۇرۇپپىسى ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەتچىلىك خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنى ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ.

  جاۋ لېجى جۇڭگونىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو جىبۇتى بىلەن ئۆزلىرى تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە تۈزۈم ئەندىزىسىگە ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى قول تۇتۇشۇپ قوغداشنى خالايدۇ.

  دىلېيتا مۇنداق بىلدۈردى: جىبۇتى بىلەن جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان سىياسىي، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جىبۇتى باشتىن-ئاخىر بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. جىبۇتى مىللىي پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە بېرىش-كېلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ پائال تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدۇ.

  شۆھرەت زاكىر سۆھبەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ