پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2024.01.10 16:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمنى خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «توققۇزنى قىلىش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە سىجىل كۈچ چىقىرىش، ئۇنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى.

  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تەپەككۇرى، تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ھەر بىر سەپ، ھەر بىر ھالقىدىكى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى كونكرېت، چوڭقۇر چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فاڭ لىڭمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولمىغان، سەمىمىي بولمىغان ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ كونكرېت بولۇشى، دەل جايىدا بولۇشى، دائىملىق بولۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشىغا قويغان مۇھىم تەدبىر-تەلەپلىرىنى كەم-كۈتىسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، چىرىكلىك مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گۇڭ تاڭخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەركەز كارخانىلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ساھە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەركەز كارخانىلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، قورقماس ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى تېخىمۇ ئاڭلىق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىگە سوزۇلغان «قارا قوللار»نى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك. ھېلىھەم كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەت ئالدىدا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ھەرگىز ئارقىغا يانماسلىق، بوشاڭلىق قىلماسلىق، مېھىر-شەپقەت قىلماسلىق، ئاتاكا سىگنالىنى مەڭگۈ چېلىش كېرەك.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى خۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى مۇساپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە، گۇرۇپپىمىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ ۋە ماھىر بولۇپ، تەنتەربىيە ۋە پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىش ۋە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئوڭشاپ ۋە ساپلاشتۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى سىياسىي ۋە ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، قائىدە-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ خەيچۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى-پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ، باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ئىشەنچلىك، مۇتلەق پاك بولۇپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ