شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى

2023.12.21 09:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچراشتىم، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلىرى، يەرلىكلىرى قويۇق ئالاقىنى قانات يايدۇردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ساغلام، مۇقىم راۋاجلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىسىدا مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن يىللىق سودا سوممىسى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئېشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە كەڭ ئىستىقبالى نامايان بولدى. جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. جۇڭگو رۇسىيە خەلقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىمكانىيەت كۆپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەتئىي تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش، ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كېيىنكى ئىككى يىلدىكى جۇڭگو رۇسىيە مەدەنىيەت يىلىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مول مەزمۇنلۇق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك لايىھەلەپ، كۆپرەك قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

  مىشۇستىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغان قەتئىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان تۈرلۈك مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. تۈنۈگۈن ئىككى تەرەپ رۇسىيە-جۇڭگو زۇڭلىلىرىنىڭ 28-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم، ساغلام ئاشقانلىقىدىن مەمنۇن، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرگە يوشۇرۇن كۈچلەرنى يەنىمۇ قېزىپ، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت يىلىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. رۇسىيە جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى سەمىمىي تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەجدىھا يىلىنى تەبرىكلەيدۇ! يېڭى بىر يىلدا رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مىشۇستىن يەنە گەنسۇدا يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭغا رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى، رۇسىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەنسۇ ۋە چىڭخەيدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ پۇتىن ۋە نۇرغۇن چەت ئەل رەھبەرلىرى ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق. ھازىر ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ قۇتقۇزۇش كۈچى ۋە ماددىي ئەشيالىرى يېتەرلىك، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلق چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ