شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ سېسىنىڭ مىسىرنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2023.12.21 09:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  12 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئابدۇلفاتاخ سېسىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مىسىر مەقسەت ـ نىشانى بىردەك، بىر ـ بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، شۇنداقلا قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ياخشى ھەمراھ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ـ مىسىر مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو ـ مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداپ، جۇڭگو ـ مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ