شى جىنپىڭ خې يىچېڭنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى

2023.12.20 14:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمەت دوكلاتى بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاۋمېننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر خې يىچېڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاۋمېندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، باش مەمۇر سايلام قانۇنى ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى، لاتارېيە كەسپىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئاۋمېن تارىخىدىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولغان كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتتى، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادى تېز ئەسلىگە كەلدى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى ساقلاندى. مەركەز باش مەمۇر خې يىچېڭ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز. مەركەز ئىلگىرىكىدەكلا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئاۋمېنچە خاسلىققا ئىگە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ.

  لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، شى تەيفېڭ، چېن ۋېنچىڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ