جۇڭگو ئاياللار مەملىكەتلىك 13 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى قۇرۇلتايغا كېلىپ تەبرىكلىدى دىڭ شۆشياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى

2023.10.25 11:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو ئاياللار مەملىكەتلىك 13 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو ئاياللار مەملىكەتلىك 13 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  جۇڭگو ئاياللار مەملىكەتلىك 13 - قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قۇرۇلتايغا كېلىپ تەبرىكلىدى، دىڭ شۆشياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو ئاياللار مەملىكەتلىك 13 - قۇرۇلتىيى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى، ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كۆركەم گېربى بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. 2 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!» دېگەن چوڭ پىلاكات ئېسىلغانىدى.

  مەملىكەت بويىچە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن جۇڭگو ئاياللار مەملىكەتلىك 13 - قۇرۇلتىيىنىڭ 1800گە يېقىن ۋەكىلى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن كەلگەن 90 ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىل يۈز مىليونلىغان ئايالنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى شېن يۆيۆ قۇرۇلتاينىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

  دىڭ شۆشياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن يېڭى دەۋردىكى <يېرىم دۇنيا>نىڭ يارقىن سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئاياللار ۋە ئايال خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.

  دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاياللار مەملىكەتلىك 12 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان ئايال نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا جان تىكىپ ئېلىشىپ ئەمەلىي ئىشلىدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جىددىي پەيتىدە، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلاندى، ئائىلە ۋە مەھەللىدە مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالدى، ئامانلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىنى ئۈن - تىنسىز ساقلىدى، ماھارەت مۇسابىقە مەيدانىدا جاسارەت بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلدى، «يېرىم دۇنيا»لىق رولى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىندى، ئاياللار تەرەققىياتى ھەر تەرەپلىمە ئالغا ئىلگىرىلىدى. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى زور كۈچ بىلەن ئاياللارغا بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئاياللارنى يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇقنى قوغداش، كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. كەڭ ئاياللار پارتىيە بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىش داۋامىدا ئاياللارنىڭ ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش داۋامىدا ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە رولىنى نامايان قىلىپ، يېڭى مەنزىلگە يېتىش داۋامىدا ئاياللارنىڭ قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت ئارقىلىق، يېڭى مۇساپىدە «يېرىم دۇنيا»نىڭ تېخىمۇ يارقىن سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلات تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، ئالاقە باغلاش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىشى، ئاياللارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلىشى كېرەك.

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى شۈ ليۇپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا تەبرىك سۆزى قىلدى. تەبرىك سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى مۇساپىدە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلات تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشى كېرەك.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى خۇاڭ شياۋۋېي جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 12 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كەڭ ئاياللارنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. دوكلات بەش بۆلەككە بۆلۈنگەن: ئىرادىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان جۇڭگو ئاياللىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق جۇڭگو ئاياللار ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش؛ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنى بەرپا قىلىش.

  قۇرۇلتاي يازما دوكلات شەكلىدە «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)» دەسلەپكى لايىھەسىنى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مىنىستىر دەرىجىلىك بىر قىسىم ئايال رەھبىرىي كادىرلار ۋە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاياللار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ