شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈزمىليونلىغان ئىشچى - خىزمەتچىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا پائال ئاتلىنىشقا تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك

سەي چى قاتناشتى

2023.10.25 02:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە تەرەققىي قىلغان، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن تەۋرىنىشكە، چەتنەشكە بولمايدۇ. جان - دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش تۈپ فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا پائال ئاتلىنىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى كوللېكتىپ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى، ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسى پارتىيە بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەردە دادىللىق بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىدىغان، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلدى. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەمگەك ساھەسىنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ئىشچىلار سىنىپى قوشقان زور تۆھپىنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى جەزمەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى بىلەن بولغان بىرىكىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىدا پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم، ئەڭ ئىشەنچلىك سىنىپىي ئاساسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقى، ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىش داۋامىدا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى چوڭ قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما جەمئىيەت بايلىقىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىلىرى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدى بىلەن يۈز مىليونلىغان ئەمگەكچىنىڭ جىسمىدا ئىپادىلىنىشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلى ۋە قوغدىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمىتى ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى دېموكراتىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۆز ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا يېتەكلەپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ھازىر بار بولغان تەشكىلىي ئاساسنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا دەل جايىدا، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئويلاۋاتقان، ئۈمىد قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چىن كۆڭلىدىن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۈچۈن گەپ قىلىشى، ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۈلگە تىكلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك سىياسىي ئورگان بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىغا قىزغىن كۆيۈنۈپ ۋە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە يولۇققان مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھۆكۈمەت بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىشى كېرەك.

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك 18 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە كەلگۈسى بەش يىللىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شۈ ليۇپىڭ، ياڭ يۈدۇڭ، گاۋ فېڭلىن سۆز قىلدى.

  شى تەيفېڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، چېن ۋېنچىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ