شى جىنپىڭ تايلاند زۇڭلىسى سەيتا بىلەن كۆرۈشتى

2023.10.23 09:19 مەنبە: خەلق تورى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ھەم رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تايلاند زۇڭلىسى سەيتا بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ھەم رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تايلاند زۇڭلىسى سەيتا بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭلى سەيتانىڭ جۇڭگونى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سىرتىدىكى تۇنجى رەسمىي زىيارەتكە چىققان دۆلەت قىلىشى تايلاند يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ـ تايلاند مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو ـ تايلاند چېگراداش قوشنا، جۇڭگو ـ تايلاند دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بۇلتۇر 11 ـ ئايدا تايلاندتا قىلغان زىيارىتىمنىڭ نەتىجىسىنىڭ پائال، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، «جۇڭگو ـ تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى»دىن بولۇشقا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئەۋزەللىكىنى ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تايلاندنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. جۇڭگو ـ تايلاند «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، جۇڭگو ـ تايلاند تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تېلېگراف ئالدامچىلىقى، توردا قىمار ئويناش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ ـ مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ چوڭ بازىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتا ئۆزگىرىش ياساشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  سەيتا مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى ھەمدە 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىگە ۋە جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشنى خالايمەن. تايلاند تەرەپ بۇلتۇر 11 ـ ئايدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تايلاندتىكى زىيارىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تايلاند ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىدۇ. تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. تايلاند تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تايلاند ـ جۇڭگو تۆمۈريولىنى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو ـ لائوس ـ تايلاندنى تۇتاشتۇرۇش تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تايلاند تەرەپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تايلاندتىكى بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تايلاندقا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تايلاندقا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن تايلاند پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتىنىڭ قوشما ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى.

  سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ