شى جىنپىڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ مانەي بىلەن كۆرۈشتى

2023.10.23 09:17 مەنبە: خەلق تورى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ مانەي بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ مانەي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، چوڭ دۆلەت بىلەن كىچىك دۆلەتنىڭ ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ھەر ئىككىلىسى دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ جانجىگەر دوستلۇقى يىمىرىلمەيدۇ. ئىككى تەرەپ دائىم بېرىش ـ كېلىش قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش كامبودژاغا ئەمەلىي تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى كامبودژانىڭ «بەش بۇرجەكلىك ئىستراتېگىيەسى» بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ كامبودژا «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق ـ گۈرۈچ كارىدورى»نى ياخشى بەرپا قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ ئاسار ئەتىقىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تۈرلىرىنى قوللايدۇ، كامبودژانىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگولۇق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كامبودژاغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە 2024 ـ يىلىنى «جۇڭگو ـ كامبودژا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىشنى جاكارلاشنى خالايمەن.

  خۇڭ مانەي مۇنداق بىلدۈردى: تۈنۈگۈن مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدىم، شى جۇشىنىڭ سۆزى ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىكنى نامايان قىلدى، ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئەمەلىي تەدبىرلەر مۇقەررەر ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، كامبودژا تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ۋە ئۇنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژا تەرەپنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. كامبودژا تەرەپ جۇڭگوغا قارىتىلغان دوستلۇق سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللايدۇ، كامبودژا ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق ـ گۈرۈچ كارىدورى» ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، كامبودژا ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگولۇق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ كامبودژاغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇس دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى مۇھىم پۇرسەت ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، كامبودژا تەرەپ بۇنى پائال قوللايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ