شى جىنپىڭ كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن كۆرۈشتى

2023.10.23 09:15 مەنبە: خەلق تورى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كونگو (بىراززاۋىل) «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتناشقۇچى تەرەپ ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھىمىز. ئىككى تەرەپ تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق ـ سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ـ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، دوستانە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كونگو (بىراززاۋىل) دۆلەت 1 ـ نومۇرلۇق تاشيولى قاتارلىق تۈرلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويدى، بۇنى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو ـ كونگو ھەقىقىي دوست، ياخشى ھەمراھ. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، كونگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگو ـ كونگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا قوللاش جۇڭگو ـ كونگو مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىدىكى ئەڭگۈشتەر. كونگو تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپ كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوغدىشىنى، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشىنى، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىنى قوللايدۇ، كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، كونگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ساسسۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ قۇرۇلۇش بولۇپ، دۇنيانى يېپيېڭى سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلىدى. 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى كونگو (بىراززاۋىل) قاتارلىق قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق تۆھپە قوشقۇچى، كونگو تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، كونگو ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كونگو تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلاردا ئالاقىلىشىش ـ ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كونگو تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى پائال قوللايدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇھىم تەشەببۇسلارنىڭ كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ