شى جىنپىڭ موزامبىك زۇڭلىسى مالېئانى بىلەن كۆرۈشتى

2023.10.23 00:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن موزامبىك زۇڭلىسى مالېئانى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ موزامبىك بوران ـ چاپقۇنلاردا بىللە بولغان، باشقا كۈن چۈشكەندە بىللە بولغان ھەقىقىي دوست، ھەقىقىي قېرىنداش. مەن خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۈمكى، جۇڭگو ـ موزامبىك «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ موزامبىك قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، «ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىشىنى قوللاش تەشەببۇسى»، «جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش پىلانى»، «جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق پىلانى»دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ھەمكارلىق تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپ بىلەن جۇڭگو ـ موزامبىك ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ موزامبىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ موزامبىكنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، يەرلىك، خەلق ئىچى ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مالېئانى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. بۇ قېتىمقى سەپەر بىزنىڭ جۇڭگو ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يەتتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇس باشقا دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىشكە پايدىلىق. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە تاشقى سىياسىتى تىنچلىق، باراۋەرلىك، ھۆرمەت قىلىش ۋە دوستلۇقنى ئاساس قىلغان، ئۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاكتىپ كۈچ. مەيلى موزامبىك مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان مەزگىلدە بولسۇن، ياكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىكى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە بولسۇن، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر موزامبىك تەرەپنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، موزامبىكنىڭ ھەقىقىي دوستى. موزامبىك تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ