شى جىنپىڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى روسسېف بىلەن كۆرۈشتى

2023.10.23 00:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى روسسېف بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2014 ـ يىلى، بىز بىرازىلىيەدە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە ئورتاق گۇۋاھ بولدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. ھازىر، دۇنيادا تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر ۋە كىرىزىس گىرەلىشىپ ئۈستىلەندى. يېڭى تەرەققىيات بانكىسى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 21 ـ ئەسىردىكى يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ ھەم سىزنىڭ جۇڭگودا ۋەزىپە ئادا قىلىشىڭىزنى مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  روسسېف مۇنداق بىلدۈردى: 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. تارىختا ھېچقانداق بىر تەشەببۇس «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئوخشاش 150 نەچچە دۆلەتنى بۇنداق بىر يەرگە جەم قىلالىغان ئەمەس. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرى يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە يېشىل تەرەققىياتتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. يېڭى تەرەققىيات بانكىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى ئاساسىي مەقسەت ۋە ئىدىيە بىلەن ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ