10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى كاكار بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار ۋە جانجىگەر دوستلار، پاكىستاننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەممىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى پائال قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو ـ پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، پاكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، پاكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ بۇ يىلقى جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ 10 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان، يېڭىلىق يارىتىلغان، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن كارىدورنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «نۇسخا»سىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ باغچە رايونى، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرىدىغان چوڭ تۈرلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى ھەم ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، پاكىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاكىستان تەرەپنىڭ پاكىستاندىكى جۇڭگو ئاپپاراتلىرى، خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
كاكار مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى ئىنتايىن چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئىنتايىن يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە. شى جۇشى ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەت دۇنيانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پاكىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى باشقا دۆلەتلەرگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى. پاكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ، بۇ، پاكىستاننىڭ پارتىيە ـ گۇرۇھ ھالقىغان ئورتاق تونۇشى. پاكىستان جۇڭگونىڭ مەڭگۈ ئىشەنچلىك دوستى، ھەرقانداق كۈچنىڭ پاكىستان ـ جۇڭگو دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا مەڭگۈ يول قويمايدۇ، پاكىستان ـ جۇڭگو دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، پاكىستان ـ جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. پاكىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ پاكىستاندىكى بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ