شى جىنپىڭ تۈركمەنىستاننىڭ مىللىي داھىيسى، خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشتى

2023.10.20 16:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تۈركمەنىستاننىڭ مىللىي داھىيسى، خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تۈركمەنىستاننىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى ۋە ھەمراھى. بۇ يىل 1 ـ ئايدا، مەن زۇڭتۇڭ سەردار بەردىمۇھەممەدوف بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ قاتلىمىدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى جاكارلىغانىدۇق. جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا قوللاش جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى باشتىن ـ ئاخىر كۈچلۈك قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بىز تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى داۋاملىق قوللايمىز. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنى يېڭى دەۋردىكى «بەخت يولى»غا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، داۋالاش ـ سەھىيە، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتىنى ئۆزئارا ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تۈركمەنىستاندا بالدۇرراق لۇبەن ھۈنەرخانىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگو _ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق بىلدۈردى: تۈركمەنىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت قويۇق ئىناق قوشنىدارچىلىق ئەنئەنىسىگە ئىگە، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. قەدىمىي يىپەك يولى تۈركمەنىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى زىچ باغلاپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈن، تۈركمەنىستان «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش»نى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەم رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كەلگۈسى ھەمكارلىققا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپ دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، قېرىنداشلاردەك يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو _ ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپ مېخانىزمى ئىچىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تۈركمەنىستان ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى ھەم رايوننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى قاتارلىق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

  سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ