شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى بىلەن كۆرۈشتى

2023.10.20 16:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خوڭ فوتوسى

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىسىر يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلىتى، جۇڭگو ـ مىسىر مەقسەت ـ نىشانى بىردەك بولغان، بىر ـ بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، شۇنداقلا قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ياخشى ھەمراھ. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ مىسىر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسى ئىچىدە قالتىس ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ مىسىرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، مىسىر تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، مىسىرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مىسىرنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو ـ ئافرىقا رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ سۇپىلىرىدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، رايون ۋە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق قوشۇشنى خالايدۇ.

  مادبۇلى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. مىسىر تەرەپ جۇڭگونى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان مىسىرغا قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مىسىرنىڭ تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتى سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، مىسىرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. مىسىر تەرەپ مىسىر ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، مىسىر تەرەپ بۇنى سىياسەت مەدىتى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ مىسىرنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا قاتنىشىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ، ئادىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ ھازىرقى پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى چۈشەندۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى جىددىي ئىش ئۇرۇشنى تېزدىن توختىتىش، توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىشىدىن، ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش. پەلەستىن، ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تەكرارلىنىپ كېتىشىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ، پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ تىنچ بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. جۇڭگو تەرەپ مىسىرنىڭ ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتا ئوينىغان مۇھىم رولىنى ئالقىشلايدۇ، مىسىرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، مىسىر ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مادبۇلى مۇنداق بىلدۈردى: مىسىر ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى ئادىل مەيداندا ئىزچىل چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھازىرقى كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ