شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن كۆرۈشتى

2023.10.20 16:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: موڭغۇلىيە دۆلىتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى تەبىئىي ھەمراھ، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سودا ـ مەبلەغ سېلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ «يايلاق يولى» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە. موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان جۇغراپىيەلىك شارائىتىغا تايىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىللىق، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلگىرىكىدەكلا ياردەم بېرىپ، ئالاقىدار پورت قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى ئاچىدۇ. جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلدى، جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ «1 مىليارد تۈپ كۆچەت تىكىش» پىلانىنى داۋاملىق قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە ـ رۇسىيە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  كۈرىلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ نەتىجىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى باش فاڭجېن قىلىدۇ. كېلەر يىلى موڭغۇلىيە ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، قېزىلما بايلىق ـ ئېنېرگىيە، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ موڭغۇلىيە ـ جۇڭگو ـ رۇسىيە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىقلاردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ