شى جىنپىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2023.10.20 09:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان دۇنيا بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان دۇنيا بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. سۈرەتتە: يىغىندىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغان چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان دۇنيا بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ھاۋا ساپ ھەم سالقىن بولۇپ، قۇياش پارلاپ تۇراتتى. تيەنئەنمېن مەيدانىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ، بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.

  باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغان چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى زالىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چوڭ ئېكراندا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تۈرىنىڭ ئالتۇن 10 يىلدىكى مول نەتىجىلىرى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

  شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان دۇنيا بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل مېنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى. بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئەسلىي مەقسەت قەدىمىي يىپەك يولىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش، يەرشارىۋى تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئېچىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن يېڭى سۇپا بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

  10 يىلدىن بۇيان، بىز ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىغىچە كېڭىيىپ، 150تىن ئارتۇق دۆلەت، 30دىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلات «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى، كەسپىي ساھەلەردە 20دىن ئارتۇق كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلدى؛ زور بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەر ۋە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان «كىچىك ھەم چىرايلىق» تۈرلەر ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى؛ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم يېتەكچى پىرىنسىپى بولدى. 10 يىلدىن بۇيان، بىز ئىقتىساد كارىدورىنى يېتەكچى قىلغان، چوڭ يول ۋە ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئاساسىي رامكا قىلغان، تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودۇرۇم، پورت، تۇرۇبا تورىنى تايانچ قىلغان، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئاسمان، تورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرشارىۋى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاۋار، مەبلەغ، تېخنىكا، خادىملار جەھەتتىكى چوڭ ئوبوروتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭ يىلدىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، مەدەنىيەت، جەمئىيەت تۈزۈمى، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى پەرقلەردىن ھالقىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە يېڭى يولىنى ئېچىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقتا يېڭى رامكا بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى توپلىماقتا.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن 10 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ئەرزىيدۇ. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، ئىنسانلار بىر - بىرىگە تايىنىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگو بازىرىنىڭ دۇنيا بازىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالغاندىلا ئاندىن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى، ئىشلارنى ياخشى قىلغىلى، چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئارزۇسى، ماسلىشىش ھەرىكىتى بولسىلا، تەبىئىي توسۇقنى راۋان يولغا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتى»نى «قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»كە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، تەرەققىياتتىكى ئويمان يەرنى گۈللەنگەن ئېگىزلىككە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ مەنبەسى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا ئەھمىيەت بېرىلىدىغىنى كۆپچىلىك تەڭ ئوتۇن تېرىپ ئوتنى ئۇلغايتىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، قەدىرلەيدىغىنى ئۆزى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش، شۇنداقلا باشقىلارنىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىدىغىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئۆزئارا نەپ ئېلىش، كۆزلەيدىغىنى ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش. ئىدېئولوگىيە جەھەتتە تىركىشىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈچ سىنىشىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، شۇنداقلا گۇرۇھلار سىياسىي قارشىلىشىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، يەككە تەرەپلىمە جازا يۈرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇش، ئىقتىسادىي تەھدىتكە قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرۇش كېرەك. 10 يىللىق مۇساپە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى، دەۋرنىڭ ئالغا بېسىش لوگىكىسىغا ئۇيغۇن بولدى، ماڭغىنى توغرا يول بولدى. بىز يەنىلا بوران - چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرۇشتەك ئىرادىنى ساقلاپ، تارىخقا، خەلققە، دۇنياغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ھەر خىل يەرشارىۋى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئەۋلادلار ئۈچۈن تىنچ، تەرەققىي قىلغان، ھەمكارلىشىدىغان، تەڭ نەپ ئالىدىغان گۈزەل كەلگۈسى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. بىزنىڭ ئىنتىلىدىغىنىمىز جۇڭگونىڭ ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئارزۇ قىلىدىغىنىمىز كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشى تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان زامانىۋىلىشىش، ئورتاق گۈللىنىدىغان زامانىۋىلىشىش بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى ئېلان قىلدى:

  بىرىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تۆمۈريول، تاشيول بىۋاسىتە تىرانسپورتىنى تىرەك قىلغان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەشيا ئوبوروتى يېڭى يولىنى بەرپا قىلىدۇ. «يىپەك يولى دېڭىز تىرانسپورتى» پورت سودىسى، ئاۋىياتسىيە سودىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى، ھاۋا يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ.

  ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى» ھەمكارلىقىنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى، مەبلەغ سېلىشنى قوغداش كېلىشىمىنى كېڭىشىپ ئىمزالايدۇ. ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت - سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك مەھسۇلات قاتارلىقلارنىڭ بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى، رەقەملىك ئىقتىساد، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەر يىلى «يەرشارىۋى رەقەملىك سودا يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە «كىچىك ھەم چىرايلىق» خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدۇ. جۇڭگو دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى خەلق پۇلى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، يىپەك يولى فوندىغا يېڭىدىن مەبلەغ كۆپەيتىپ، بازارلاشتۇرۇش، سودىلاشتۇرۇش شەكلىدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تۈرىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە كىچىك تىپتىكى خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1000نى يولغا قويۇپ، لۇبەن ھۈنەرخانىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭگو - چەت ئەل كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىدۇ ھەم ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تۈرى ۋە خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.

  تۆتىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يېشىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېشىل ئېنېرگىيە، يېشىل قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يېشىل تەرەققىيات خەلقئارا ئىتتىپاقىنى قوللاشنى زورايتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يېشىل يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىنى داۋاملىق ئېچىپ، يورۇقلۇق ۋولت كەسپى بويىچە سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش مۇتەخەسسىسلەر تورى بەرپا قىلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» يېشىل مەبلەغ سېلىش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2030 - يىلىغىچە ھەمراھ دۆلەتلەر ئۈچۈن 100 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ بېرىدۇ.

  بەشىنچى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كەلگۈسى بەش يىلدا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئورتاق قۇرىدىغان بىرلەشمە تەجرىبىخانىنى كېڭەيتىپ 100گە يەتكۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ياش ئالىملارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ قىسقا مەزگىللىك خىزمەت قىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە يەرشارىۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك، بىخەتەر تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئالتىنچى، خەلق ئىچى ئالاقىسىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ «لياڭجۇ مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆھبەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. تەسىس قىلىنغان يىپەك يولى خەلقئارا تىياتىرخانا ئىتتىپاقى، سەنئەت بايرىمى ئىتتىپاقى، مۇزېي ئىتتىپاقى، گۈزەل سەنئەت سارىيى ئىتتىپاقى، كۇتۇپخانا ئىتتىپاقى ئاساسىدا، يىپەك يولى ساياھەت شەھەرلىرى ئىتتىپاقىنى تەسىس قىلىدۇ. «يىپەك يولى» جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ.

  يەتتىنچى، پاكلىق يولى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن «<بىر بەلباغ، بىر يول> پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر»نى ئېلان قىلىپ، «<بىر بەلباغ، بىر يول> پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پىرىنسىپى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» كارخانىلىرىنىڭ پاك بولۇشنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش بويىچە باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» پاكلىق تەتقىقاتى ۋە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  سەككىزىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يېشىل تەرەققىيات، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى داۋاملىق ئۆتكۈزىدۇ ھەم باشلىقلار مۇنبىرى كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن، نەتىجە ۋە پۇرسەت دۇنياغا مەنسۇپ. بىز خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخنىڭ ئېغىر يۈكىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، دەۋر تومۇرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭى تەرەققىياتنى كۈتۈۋېلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان دۇنيا بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولايلى!

  ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس، چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ، كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ساسسۇ، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو، لائوسنىڭ دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، سىرى لانكا زۇڭتۇڭى ۋىكراماسىنخا، تۈركمەنىستاننىڭ مىللىي داھىيسى، خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭمانەي، مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابىي، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان، موزامبىك زۇڭلىسى مالېئانى، پاكىستان زۇڭلىسى كاكار، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ماراپى، تايلاند زۇڭلىسى سەيتا، نىگېرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى شېتىما، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، خائىما تۇمشۇقى خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى كاشىمى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، سابىق زۇڭلى راففاران، گىرېتسىيە زۇڭلىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى، تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سكرىكاس قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتنىڭ دۆلەت رەھبىرى، ھۆكۈمەت باشلىقى، يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى روسسېف قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  پۇتىن، توقايېف، جوكو، فېرناندېس، ئابىي، گۇتېررېسمۇ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  سەي چى، ۋاڭ يى، يىن لى، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ