شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى

2023.10.19 08:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى.

  كۈز كۈنلىرىدىكى بېيجىڭ، كەچكى شەپەق سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا رەڭلىك پانۇسلار چاقناپ، خەلق سارىيى ھەيۋەتلىك، كۆركەم تۈسكە كىرگەنىدى.

  باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغان چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار ھەم جورىلىرى ئارقا - ئارقىدىن خەلق سارىيىغا يېتىپ كەلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان 150 نەچچە دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كۆركەم، ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.

  شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە جورىلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن رەڭلىك زالغا كىردى.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەتىيازدا مېھنەت قىلسا، كۈزدە مېۋە ئالغىلى بولىدۇ.» «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپتىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتەك يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىۋى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا ئورتاق كۈچ قوشۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن سۇپا بەرپا قىلدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بىز نەچچە مىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانى تۇتاشتۇرۇش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنىڭ ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمىنى ئورتاق سىزىپ چىقتۇق. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كارخانىلىرى ۋە خەلقى تىرىشچانلىقى، ئەقىل - پاراسىتى، جاسارىتى ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن! بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتكى بارلىق قاتناشقۇچىلارغا، قۇرغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرەيلى!

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئىنتىلىدىغىنى تەرەققىيات، قەدىرلەيدىغىنى تەڭ پايدا ئېلىش، يەتكۈزىدىغىنى ئۈمىد. پەقەت توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئاندىن كېيىنكىلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئونمىڭلىغان خەلقنى بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئۆچمەس تۆھپە ياراتقىلى بولىدۇ. بۇ بىز بىر ئەۋلاد سىياسىيونلارنىڭ زامانىمىز كىشىلىرى ۋە ئەۋلادلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاينام - تاشقىنلىققا تولغان بىرىنچى 10 يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، دەل ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلدە تۇرماقتا، جەزمەن كۆتۈرەڭگۈ ھالدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كېيىنكى ئالتۇن 10 يىلغا ئاتلىنىشىمىز كېرەك!

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا ئانچە تىنچ ئەمەس، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئېشىپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، لېكىن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ نەپ ئېلىشتەك تارىخىي ئېقىمنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. بىز ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، تەرەققىيات بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلساقلا، چوقۇم دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز!

  زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە «يىپەك يولىدا بىللە سەپەر قىلىش» ناملىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنى كۆرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەتلىرىنىڭ رەڭدار مەدەنىيلىكى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشىنى ھېس قىلدى.

  ۋاڭ يى، يىن لى، لى شۇلېي، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ