31 - نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە سىچۇەن چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ
2023.07.31 16:06 مەنبە: خەلق تورى
31 - نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، شىنخۇا تورى سۈرەت ۋە يېزىق شەكلى ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ