شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ تۈرلۈك زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى كېرەك

2023.07.05 23:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندا چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، بەزى دەريا-ئېقىنلاردا ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەلكۈن كېلىپ، تاغ كەلكۈنى ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەت پات ئارىدا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىرىدۇ، يەتتە چوڭ دەريا ۋادىسى ئومۇميۈزلۈك كەلكۈن مەزگىلىگە كىرىدۇ، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، تەيخۇ كۆلى ۋە سۇڭلياۋ دەرياسى قاتارلىق ۋادىلاردا كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتى خەۋپى مەۋجۇت. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك دەريالاردا كەلكۈن، ئوتتۇرا، كىچىك سۇ ئامبارلىرىدا خەتەر كۆرۈلۈش ۋە شەھەرلەردىكى ھۆلچىلىك ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش، ئالدىدا مېڭىپ قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ تۈرلۈك زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ