شى جىنپىڭ «2023 . جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.05.24 08:31 مەنبە: خەلق تورى

  5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «2023 . جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ بەختى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق، تەرەققىيات خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، شىزاڭنى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان چۈشەپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈللىنىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، شىزاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «2023 . جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»نى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، باش تېمىسى «يېڭى دەۋر، يېڭى شىزاڭ، يېڭى مۇساپە − شىزاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى» بولۇپ، 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ