شى جىنپىڭ جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىس، پېشقەدەم سەنئەتكارلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى سۈپەتلىك يىغىپ ساقلاش، يۇقىرى سەۋىيەدە پايدىلىنىش، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك، ھەتتا دۇنيا دەرىجىلىك سەنئەت سارىيىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك

2023.05.24 08:31 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىس، پېشقەدەم سەنئەتكارلار:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتىم. جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى يېڭى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىغا كۈچلۈك گۇۋاھ بولۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىش، ئاممىۋى تەربىيە، تاشقى ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى قۇرۇلۇپ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە، مەن سىلەرنى ھەم سارايدىكى بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت ساراي باشقۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يىغىپ ساقلاش، يۇقىرى سەۋىيەدە پايدىلىنىش، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋردە خەلق ئاممىسى گۈزەل سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك، ھەتتا دۇنيا دەرىجىلىك سەنئەت سارىيىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگونىڭ گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شان ـ شۆھرىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2023 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىس، پېشقەدەم سەنئەتكارلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى قۇرۇلۇپ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە، سارايدىكى بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى يېڭى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىغا كۈچلۈك گۇۋاھ بولۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىش، ئاممىۋى تەربىيە، تاشقى ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت ساراي باشقۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يىغىپ ساقلاش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پايدىلىنىش، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋردە خەلق ئاممىسى گۈزەل سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك، ھەتتا دۇنيا دەرىجىلىك سەنئەت سارىيىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگونىڭ گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شان ـ شۆھرىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان دۆلەت دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى بولۇپ، 1963 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى قۇرۇلۇپ ئېچىۋېتىلگەن. ساراي قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، جەمئىي 5500 مەيداندىن ئارتۇق تەسىر كۈچكە ئىگە گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 130 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك گۈزەل سەنئەت ئەسىرى يىغىپ ساقلانغان. يېقىندا، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى 13 پېشقەدەم مۇتەخەسسىس، پېشقەدەم سەنئەتكار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل سەنئەت سارىيى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ