شى جىنپىڭ 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

لى چياڭ، لى شى قاتناشتى

2023.05.24 08:30 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، ئىقتىسادىي تەپتىش مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئالغان بولۇپ، مەۋقەنى ئىقتىسادىي نازارەتچىلىك ئورنىغا قويۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش بىلەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مەركىزىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 2022 ـ يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە چىقىم ئەھۋالىغا دائىر ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەمدە يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىقتىسادىي تەپتىش پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈلمىسىنىڭ سىستېمىلىق، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي تەپتىش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بىرىنچى، ئىقتىسادىي تەپتىش باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تۈزۈملەشتۈرۈلدى. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئىشلىرىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى، ماسلىشىشچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئۆزگىچە نازارەتچىلىك رولى تېخىمۇ روشەنلەشتى. تۆتىنچى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، تۈزىتىش ئومۇمىي ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىلىرىنى تەتبىقلاش، تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش تېخىمۇ راۋان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مەركەزلىك بىرتۇتاش بولغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش. ھەرىكەت راۋان بولۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى ۋە سىياسىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىز قوغلاپ ئەگىشىپ، ئاممىۋى مەبلەغ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت بايلىقىنى باشقۇرىدىغان، ئىشلىتىدىغان بارلىق جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلارغا بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ھوقۇقىنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي، بىرىنىمۇ سىرتتا قالدۇرماي، دائىملاشقان، ھەرىكەتچان چۆچۈتۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەتقىقات تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي نازارەتچىلىكتە «ئالاھىدە قىسم» بەرپا قىلىش؛ باشقا نازارەتچىلىك بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، گەۋدىلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور تۈرلەر، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، مۇھىم، زور تەدبىرلەرنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىك سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىممەتلىك مالىيە مەبلىغىنى داۋاملىق چىڭ كۆزلەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىغا بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە دائىر سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىغا بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىشقا دائىر سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى، پۇل مۇئامىلە، ئۆي ـ زېمىن، ئاشلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ ـ خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. دىققەتنى ھوقۇقنى ئۆلچەملىك يۈرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىكنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئامما ئەتراپىدىكى «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا ئاساسەن تۈزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلار» بىلەن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ئاشكارىلاشتىكى «ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئىشلار» ئوخشاشلا مۇھىم، جەزمەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا ئاساسەن تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈندىلىك نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى كادىرلارنى تەكشۈرۈش، تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش ـ جازالاشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىش كېرەك. تۈزىتىش كۈچلۈك بولمىغان، ئەپلەپ ـ سەپلەپ تۈزەتكەن، ساختا تۈزەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلغا ۋارىسلىق قىلىپ، كەسپىي روھ يارىتىپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، باش تېما تەربىيەسى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قوشۇنىنى تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئىقتىسادىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، ئۆزى باشقۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ