شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ شاڭخەي شەھىرى خۇڭكوۋ رايونى جياشىڭ يولى كوچا باشقارمىسىدىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش پىدائىيلىرىنى ئىلھاملاندۇردى

​تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشتىكى يېڭى كەيپىياتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2023.05.23 10:09 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  شاڭخەي شەھىرى خۇڭكوۋ رايونى جياشىڭ يولى كوچا باشقارمىسىدىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش پىدائىيلىرى:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى كۆرۈپ، بەش يىل ئىلگىرى كۆپچىلىك بىلەن ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىدىم، سىلەرنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى غەيرىتىڭلار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ بىر نەچچە يىللىق تەشۋىقاتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنىڭ سىلەرنىڭ ئۇ يەردە يېڭى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئۆسكەنلىكى، مەھەللە مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەللەشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.

  ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ كۈچىشىگە، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشىغا، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، كەڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ پائال قاتنىشىشىغا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىلەرنىڭ پىدائىيلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشتىكى يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2023 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شاڭخەي شەھىرى خۇڭكوۋ رايونى جياشىڭ يولى كوچا باشقارمىسىدىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش پىدائىيلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: خېتىڭلارنى كۆرۈپ، بەش يىل ئىلگىرى كۆپچىلىك بىلەن ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىدىم، سىلەرنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى غەيرىتىڭلار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ بىرنەچچە يىللىق تەشۋىقاتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنىڭ سىلەرنىڭ ئۇ يەردە يېڭى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئۆسكەنلىكى، مەھەللە مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەللەشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىشىغا، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشىغا، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، كەڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ پائال قاتنىشىشىغا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىلەرنىڭ داۋاملىق تۈردە پىدائىي سۈپىتىدە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى ئۆزگىچە رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشتىكى يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 297 شەھەردە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنىڭ ئوتتۇرىچە قاپلاش نىسبىتى %82.5كە يەتتى. يېقىندا، شاڭخەي شەھىرى خۇڭكوۋ رايونى جياشىڭ يولى كوچا باشقارمىسىدىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش پىدائىيلار ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ