شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.04.26 09:34 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، ئىنتايىن مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ھەم ئۇنىڭغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخىنىڭ قېنىق، رەڭدار سەھىپىسىنى پۈتتى. 2019 - يىلى، مەن ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنىدا ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدىم. تۆت يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەر پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئورتاق تىرىشىپ، قەدىمكى مەدەنىيلىك تەتقىقاتى، بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇزېيلار ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى جەۋھىرىنى قوغداشقا ئاسىيا يېڭى تۆھپىسىنى قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئاسىيا مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى گۈللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو ئىتتىپاق رامكىسىدا، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك سۆھبىتى ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقى يىغىنىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە ئېچىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ