مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئىنتايىن قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئېرىشتۇق

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2022.04.12 08:44 مەنبە: خەلق تورى

  «مۇۋەپپەقىيەت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، غەلىبە تەستە قولغا كەلگەن.» بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەتتە يىلدىن بۇيانقى مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاجايىپ مۇساپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز كۈرەش قىلىش داۋامىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش خۇشاللىقىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە كۈرەش قىلىش داۋامىدا مول مەنىۋى بايلىققا ئېرىشتۇق، ئىنتايىن قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئېرىشتۇق، بۇ، بىزنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ».

  «پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» «تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» «مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش». باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر يىغىنچاقلىغان بۇ «تۆتتە چىڭ تۇرۇش»نىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، يەر شارىۋى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن ئەھۋالدا ئالغا سىلجىتىلدى، بولۇپمۇ دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئەسىر يۇقۇمى ئارقا كۆرۈنۈشىدە بۇ مەيدان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈش دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس مىسلىسىز بولدى. يەتتە يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسىتەلىشىمىزدىكى ئاچقۇچ شۇكى، بىز باشتىن - ئاخىر «تۆتتە چىڭ تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئەمەلىيىتى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى: جەزمەن پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنىڭ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىمىز، پەقەت پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى چوقۇم يېڭەلەيمىز، قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز؛ جەزمەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تەشكىللەش - سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى، بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، ئىزچىللاشتۇرۇش - ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، دۆلىتىمىزنىڭ پۇختا ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئەڭ پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى؛ جەزمەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك؛ جەزمەن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ساغلام بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تېخىمۇ تولۇق بولۇش، تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئورتاق قاتنىشىش، ئورتاق كۈچەش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىشكە قەدەم قويدى، دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈن، بىز پارتىيەنىڭ ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇش، پەزىلەتنى تاۋلاشقا ماھىر بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇرسەت ئالدىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشىمىز، قىيىنچىلىق ئالدىدا قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، خەۋپ - خەتەر ئالدىدا پائال تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچىگە، تەرەققىيات ئىشەنچىگە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش، قىيىن ئىشلارنى قىلىش، جىددىي ئىشلارنى قىلىش داۋامىدا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى تېخىمۇ تولۇقراق مۆلچەرلەپ، خەۋپ - خەتەر ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇرراق پىكىر يۈرگۈزۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ھەم خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرىدىغان، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلىشىمىز، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشىمىز كېرەك.

  مۇۋەپپەقىيەتلەر تارىخ بېتىگە پۈتۈلدى، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىيلىكنى ساقلاپ، يولۋاستەك جەسۇرلۇقنى نامايان قىلساقلا، بىز چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتالايمىز!

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ