مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق ھەم ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2022.03.21 09:15 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ■ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، رايونلارغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ، پەرقلىق دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قىسمەن رايونلاردىكى توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى تېز، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇننى ساقلىشى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم ئەمەلىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ئىقتىدارىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى

  ■ چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر ھازىرقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكى، تەكرارلىنىشچانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي بوشاشماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش، يامراش ۋەزىيىتىنى تېزدىن توسۇشى كېرەك. ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ۋاكسىنا، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش رېئاكتىپى ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق پەن ـ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تىرىشىپ ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ چوڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى يىغىن ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق ھەم ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، رايونلارغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ، پەرقلىق دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قىسمەن رايونلاردىكى توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى تېز، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇننى ساقلىشى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم ئەمەلىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ئىقتىدارىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر ھازىرقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكى، تەكرارلىنىشچانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي بوشاشماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش، يامراش ۋەزىيىتىنى تېزدىن توسۇشى كېرەك. ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ۋاكسىنا، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش رېئاكتىپى ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق پەن ـ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تىرىشىپ ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ چوڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتە يەرلىك توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالىدا تارقىلىش نۇقتىسى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، كۆپ يۈزبېرىشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى. قاراشلىق جاي، تارماق، ئورۇن، شەخستىن ئىبارەت تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇم نۇقتىلىق رايونلىرىغا قارىتىلغان ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قىسمەن توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى تېز كونترول قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى ساقلاپ، زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. پورت رايونىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پورتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش كۈچىنى تولۇقلاپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. مەكتەپ قاتارلىق نۇقتىلىق مەيدان ـ سورۇنلاردا دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى پۇختا ئىشلەش، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئىگىلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش، ئۆزى مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتىنى يېڭىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن روھ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. يۇقۇم بىر قەدەر ئېغىر بولغان جايلاردا، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا پائال ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ غەم ـ ئەندىشىسى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى كېرەك. نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق سەۋەبلىك يۇقۇمنى تىزگىنلىيەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى دەرھال ئىنتىزام، بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ