مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشكە نازارەتچىلىك قىلدى

2022.03.21 09:08 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن 3-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭنەنخەيدە، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشكە نازارەتچىلىك قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشكە تەشكىللەش چارىسى»گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن 27 تارماق ۋە ئورۇننىڭ 32 مەسئۇلى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.

  دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن يېتەكلەپ قەسەم بەرگۈچى قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ، قەسەم سۆزىنى ئوقۇدى، باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر رەتكە تىزىلىپ ئۆرە تۇرۇپ، ئەگىشىپ ئوقۇدى.

  قەسەم بەرگەندىن كېيىن، لى كېچياڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىجتىھات بىلەن ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەسەم سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، باشتىن-ئاخىر ۋەزىپە- مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىجادىي خىزمەت قىلىش كېرەك؛ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاش كېرەك؛ چىن دىلدىن خەلققە بەخت يارىتىپ، دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىنى ئىگىلەپ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ رايىغا قۇلاق سېلىپ، ئەمەلىي سىياسىي نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى چىڭىتىپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ پاكلىق خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يالغۇز تۇرغاندا كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇپ، باشتىن-ئاخىر پاك-دىيانەتلىك بولۇش كېرەك؛ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، دۆلەت كومىسسارى ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ