شى جىنپىڭ فىرانسىيە، گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن سىنلىق يىغىن ئاچتى

2022.03.10 00:07 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، گېرمانىيە زۇڭلىسى شولز بىلەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنى ئاچتى.

  شىنخۇا ئاگېنلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، گېرمانىيە زۇڭلىسى شولز بىلەن ۋىدېيولۇق باشلىقلار يىغىنى ئاچتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، 100 يىللىق ئۆزگىرىش بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، نۇرغۇن دۇنياۋى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى، بىز دۇنياۋى ھەمكارلىققا موھتاج. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىقنى، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار. بىز مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، داۋالغۇپ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە يېشىل، رەقەملىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپچىللىكتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، زور دۇنياۋى قارالمىلارنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  ماكرون، شولز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز. بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، بىر تەرەپلىمە ئىش قىلىش ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ياۋروپا جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىشلىرىدا جارى قىلدۇرغان مۇھىم ۋە ئىجابىي رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق زور دۇنياۋى خىرىسلارنى بىرلىكتە تىرىشىپ ھەل قىلىشنى خالايدۇ. ياۋروپا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا-جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، فىرانسىيە-جۇڭگو، گېرمانىيە-جۇڭگو ھەم ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇقتىلىق پىكىر ئالماشتۇردى.

  ماكرون، شولز نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە مەيدانىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، جۇڭگو ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇرۇش ئوتىنىڭ قايتا يانغانلىقىدىن چوڭقۇر ئېچىنىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق بىخەتەرلىك جەھەتتىكى كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى، ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىشىدىن ساقلىنىش. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى بىرلىكتە قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ۋەزىيىتىنى قوغداپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ سۆھبەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجە ھاسىل قىلىش ۋە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، كەڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. جۇڭگو ئۇكرائىنانىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئالتە نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇكرائىناغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنسانپەرۋەرلىك ئەشيا ياردىمى بېرىشنى خالايدۇ. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان سەلبىي تەسىرنى ئازايتىشىمىز كېرەك. ئالاقىدار جازالاش يەر شارىنىڭ پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، قاتناش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا زەربە پەيدا قىلىپ، يۇقۇم تارقالغان ئەھۋالدا ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىغا يۈك بولىدۇ. بۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە پايدىسىز. بىز ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك قارىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ياۋروپانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ياۋروپا بىخەتەرلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو ياۋروپا، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باراۋەر سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى كۆرۈشتىن ئۈمىدۋار.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ