خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستاندا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ كەيبر-پاختونخۋا ئۆلكىسىنىڭ پېشاۋار شەھىرىدە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلىقىدىن چۆچۈپ خەۋەر تاپتىم.
مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىدارلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. جۇڭگو بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخانغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ