شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن كۆرۈشتى

2022.02.09 09:33 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغاكەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قەتئىي قوللايدۇ، قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئىشەنچلىك، قەدىرلىك دوستى ۋە ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكى ھەمكارلىق ئاساسىدا، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو–قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېشىل يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي كۈچى بار تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللاپ، ئالاقىدار نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت چېگرالىرىدىكى يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پورتلارنىڭ مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى قۇرۇشنى قوللايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، نامراتلارنى يۆلەش-نامراتلارنى ئازايتىش، كەسپىي مائارىپ، ئاياللار، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، قىرغىزىستاندا تېزدىن لۇ بەن ھۈنەرخانىسى قۇرۇپ، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن داۋاملىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، قىرغىزىستان تەرەپنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئۆز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق ياخشى قوغداشنى خالايدۇ. خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ.

  جاپاروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم. جۇڭگو تەرەپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، باشلىنىش مۇراسىمى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بولۇپ، ھەقىقىي ئولىمپىك روھىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ. قىرغىزىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەقىقىي باراۋەرلىك، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھىنى ئاساس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قىرغىزىستان تەرەپكە بەرگەن قىممەتلىك مەدىتىگە رەھمەت، قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭغا، تەيۋەنگە، شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا، قاتناش، ئېنېرگىيە، مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى بايراقدار تۈرگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، قىرغىزىستان تەرەپ ئۇلارنى ياخشى تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ يوللۇق، قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورىزم ۋە تەشكىللىك جىنايەتكە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى بۈگۈن بىز ئېلان قىلغان قوشما بايانات قىرغىزىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى جاپاروفنىڭ بىرلەشمە باياناتى»نى ئېلان قىلدى ھەم مەدەنىيەت، يېشىل تەرەققىيات، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇرغۇن ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ