شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن كۆرۈشتى

2022.02.09 09:29 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2–ئاينىڭ 6–كۈنى چۈشتە خەلق سارىيىدا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو– ئارگېنتىنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگو–ئارگېنتىنا ئىككى دۆلەت باشتىن ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت جاپا–مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتىكى ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو–ئارگېنتىنا ئىككى دۆلەت خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، جۇڭگو–ئارگېنتىنا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى. جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو–ئارگېنتىنانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى شانلىق 50 يىلىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى يوللۇق تەشەببۇسىنى ئۆزئارا قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئارگېنتىنانىڭ ئېكسپورتنى كېڭەيتىشى ۋە كەسىپلەر دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۇ ئېلېكتىر، تۆمۈريول قاتارلىق ھازىرقى مۇھىم، زور تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە–كان بايلىقى، ئۇل ئەسلىھە، مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو-ئارگېنتىنانىڭ ئالەم قاتنىشى، دېڭىز-ئوكيان قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئىنسانلارنىڭ يۇلتۇزلار ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە پائال تۆھپە قوشتى. ئىككى تەرەپ رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە 2022-يىللىق جۇڭگو- ئارگېنتىنا دوستلۇق ھەمكارلىق يىلىنى باشلاپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، كەڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇش ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكا ئىچىدە زىچ ماسلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئارگېنتىنا تەرەپنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۇدا نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  فېرناندېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە كاتتا باھار بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىمدىن ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى قالتىس دەقىقىلەرگە بىرلىكتە گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئارگېنتىنا تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقىگە چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى بار بولۇپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەردىن پەخىرلىنىدۇ. ئالدىنقى كۈنى مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخ كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ئارگېنتىنا جۇڭگونىڭ دوستى، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە باشتىن -ئاخىر قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئارگېنتىنا-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا باشتىن-ئاخىر قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئارگېنتىنا تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە نۇرغۇن داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا، تېببىي دورا ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئارگېنتىنا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئارگېنتىناغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئارگېنتىنا تەرەپ خەلقئارا كۆپ تەرەپچىللىك رامكىسى ئىچىدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-ئارگېنتىنا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى ھەم «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» قاتارلىق بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ