شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن كۆرۈشتى

2022.02.08 23:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا، بېيجىڭغا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021-يىلىنىڭ جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىگە بولغان ئەھمىيىتى ئالاھىدە. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، تارىخنى ئەسلەپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى ياراتتى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت-سائادەت يارىتىپ، رايون ھەمكارلىقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يېشىل، ساغلام، رەقەملىك كارىدور قۇرۇشنى خالايدۇ؛ پاكىستان تەرەپنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئىش تېرىمايدۇ، ئىشتىنمۇ قورقمايدۇ. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىقتىدارىمىز، ئىشەنچىمىز بار. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ دۇنيا تەرەققىياتى تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ئىمران خان جۇڭگو تەرەپنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ داغدۇغىلىق باشلىنىش مۇراسىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ پاكىستاننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن ۋاكسىنا پاكىستان خەلقىنى قۇتقۇزۇپلا قالماي، يەنە پاكىستان ئىقتىسادىنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالدى. ھازىر خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، لېكىن ھەرقانداق كۈچ جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگەتتى. بۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئارزۇ قىلالايدىغان ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە، ئۆرنەك قىلىشىغا ئەڭ ئەرزىيدۇ. پاكىستان بىلەن جۇڭگو پۈتۈن مۇھىتلىق دوست، ھەر قانداق ۋاقىتتا پاكىستان جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. پاكىستان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. پاكىستان ئافغانىستان قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ