شى جىنپىڭ موناكونىڭ دۆلەت باشلىقى شاھزادە ئالبېرت ئىككىنچى بىلەن كۆرۈشتى

2022.02.08 23:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا موناكو دۆلەت باشلىقى شاھزادە ئالبېرت ئىككىنچى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ شاھزادە ئالبېرت ئىككىنچى بىلەن بولغان «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەقدىرى»نى خۇشاللىق بىلەن ئەسلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2019-يىلى مەن موناكودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-موناكو مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ئىككى تەرەپنىڭ خەۋەرلىشىش، مۇھىت ئاسراش، تەنتەربىيە، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى بىرلىكتە موناكودا پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان تۇنجى G5 تورىنى قۇردى. جۇڭگو-موناكو مۇناسىۋىتى چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، تارىخىي مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو-موناكو مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ياخشى تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-موناكو ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلار ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ موناكو كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، 3-تەرەپ بازار ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قارشى ئالىدۇ. موناكو تەرەپنىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى بېيىتىپ، تىل ئوقۇتۇش ھەمكارلىقىنى، سەنئەت ئۆمەكلىرى زىيارەت قىلىپ ئويۇن قويۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، تەنتەربىيە، ساياھەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  ئالبېرت ئىككىنچى جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى مۇراجىئەت قىلىدىغان كۈچلۈك ئۇچۇرىنى ئاڭلىغانلىقىنى، بۇنىڭ دەل بۈگۈنكى دۇنيا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۈنۈگۈن چۈشتە قارشى ئېلىش زىياپىتىدە سۆز قىلىپ يەتكۈزگەن مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى ئىنتايىن قوللايمەن، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ يىل بۇرۇنقى مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى موناكو خەلقىنىڭ ھازىرغىچە ھېلىمۇ ئېسىدە. موناكو تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، خەۋەرلىشىش، مۇھىت ئاسراش، دېڭىز-ئوكيان، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. موناكو جۇڭگونىڭ كۇنمىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ