شى جىنپىڭ ليۇكسېمبۇرگ كىنەزى ھېنرى بىلەن كۆرۈشتى

2022.02.08 23:39 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، بېيجىڭغا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن ليۇكسېمبۇرگ كىنەزى ھېنرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگونىڭ 2008-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغاندا سىزنىڭ بەرگەن قىممەتلىك قوللىشىڭىزنى ئالقىشلايدۇ، ليۇكسېمبۇرگ خان جەمەتىنىڭ جۇڭگو-ليۇكسېمبۇرگ دوستلۇق ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىغانلىقى ۋە پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ليۇكسېمبۇرگ جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ليۇكسېمبۇرگ ئۆزئارا قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىغا يېڭى مەزمۇن قوشتى. بۇ يىل جۇڭگو-ليۇكسېمبۇرگ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگو ليۇكسېمبۇرگ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ليۇكسېمبۇرگ مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ليۇكسېمبۇرگ مۇناسىۋىتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى ئاچقۇچ دەل ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالغانلىقىدا. ئىككى تەرەپ سەمىمىي دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە داۋاملىق ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى قۇچاقلاشنى خالايدۇ، ليۇكسېمبۇرگ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە يېڭى ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىگە ئۇدۇللىشىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭگو-ليۇكسېمبۇرگ يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ «بوشلۇقتىكى يىپەك يولى»نى زورايتىشى، كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ؛ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ليۇكسېمبۇرگنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قۇرغۇچى دۆلەت ۋە يادرولۇق ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ھېنرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قالتىس تەشكىللەندى، ئېچىلىش مۇراسىمى ئىنتايىن قالتىس بولدى. يولۋاس يىلى جاسارەت، كۈچ ۋە ئىرادىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ دەل جۇڭگو خەلقى نامايان قىلغان ئېسىل پەزىلەت. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى جۇڭگونى قالتىس نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈردى، جۇڭگونىڭ مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشى جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنياغا تېخىمۇ ئەمەلىي بەخت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو ئۇلۇغ ھەمراھ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىغا ئىنتايىن قوشۇلىمەن. ليۇكسېمبۇرگ بىلەن جۇڭگونىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى، سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى. ليۇكسېمبۇرگ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ليۇكسېمبۇرگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ناھايىتى ياخشى تەشەببۇس، ليۇكسېمبۇرگ تەرەپ بۇنى قوللايدۇ ھەم پائال قاتنىشىدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ