شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 139 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى

2022.02.08 14:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 139 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 139 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ جۇڭگونىڭ كاتتا باھار بايرىمىدا «قوش ئولىمپىك شەھىرى» بېيجىڭدا جەم بولغانلىقىنى ھەم خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 139 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچقانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى!

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى گىرەلىشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، ئىنسانلار كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، باتۇرلۇق ـ قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەر شارىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ھەم ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەييارلىق كۆرۈشىگە زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكىگە ۋە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2008 ـ يىلىدىكى «ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش بىر ئارزۇ»دىن 2022 ـ يىلىدىكى «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى»غىچە، جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئولىمپىك روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئولىمپىك غايىسىنىڭ قەتئىي ئىنتىلگۈچىلىرى، ھەرىكەت قىلغۇچىلىرىدىن بولدى. جۇڭگو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، يېشىل يېڭىلىق يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئاچتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەتە كەچتە باشلىنىدۇ، دۇنيا جۇڭگودىن ئۈمىد كۈتمەكتە، جۇڭگونىڭ تەييارلىقى پۈتتى. جۇڭگو تەرەپ سەمىمىيلىك بىلەن دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىپ، «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئولىمپىك ھېكمەتلىك سۆزىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ