شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2022.02.08 10:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن، دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ھەمدە خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر، تولۇق پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2014 - يىلى، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ تەكلىپى بىلەن رۇسىيەگە بېرىپ سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتىم، ئەينى ۋاقىتتا بىز سەككىز يىلدىن كېيىن بېيجىڭدا يەنە جەم بولۇشقا كېلىشكەنىدۇق. بۇ قېتىم سىز كېلىپ، بىزنىڭ «قىشلىق ئولىمپىكتا ئۇچرىشىش»ىمىز ئىشقا ئاشتى، ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ بۈگۈنكى «باھار بايرىمىدىكى كۆرۈشۈش»ىمىز چوقۇم جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، پۈتۈن يەر شارىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يامراۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى نۇرغۇن خىرىس، كىرىزىسقا دۇچ كەلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا، ساغلام ئالغا ئىلگىرىلىشىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىدى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللىدى، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىدا يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئىككى تەرەپ يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقىي دېموكراتىيە روھىنى قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇردى. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە، يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار يىرىك پىلان تۈزۈپ، يۆنىلىش بەلگىلەپ يولباشچى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىرادىدىن قايتماي مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىدى. بۇ، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتكە، ھەتتا دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، ئىلگىرى تەۋرەنمىدۇق، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ تەۋرەنمەيمىز. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام قويۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، «تۆتنى ئۆزئارا قەتئىي قوللاش» ئورتاق تونۇشىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوللاپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشى ۋە رايون خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەردە چوڭ دۆلەتنىڭ كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولۇش خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، چوڭ دۆلەتكە خاس رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مال سودىسى ۋە مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يول خەرىتىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېشىل سودا، تېببىي دورا - ساغلاملىق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تۇتاشتۇرۇش، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ھەمكارلىق چوڭ تۈرلىرىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مۇھىم، زور تېخنىكىدا بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى قوللاپ، يەر شارىۋى ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو - رۇسىيە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئەشيا تورى، خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەر ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى جەھەتتىكى ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - رۇسىيە تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلاپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 20 يىللىق پەۋقۇلئاددە تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئىجابىي كۈچىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئورتاق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بەش دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەر شارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: مەن تەكلىپ بويىچە جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۆزئارا زىيارەت قىلىش رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىپادىسى ۋە ياخشى ئەنئەنىسىگە ئايلاندى. ئىشىنىمەنكى، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى چوقۇم دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى سۇنالايدۇ، مەن رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى قالتىس ئىپادىسىگە تەقەززامەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلىشىمنى توسۇپ قالالمىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپ سودىسى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى قويۇق بولدى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگونى رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى ۋە مەقسەت - نىشانى ئوخشاش بولغان دوستى دەپ قارايدۇ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى 21 - ئەسىردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسى. بىزنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان قوشما باياناتىمىز رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردىكى يۈكسەك بىردەك مەيدانىنى نامايان قىلدى. رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى مىسلىسىز گەۋدىلىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق، دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق ماسلاشتۇرۇش رولىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رۇسىيە - جۇڭگو تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلى پائالىيىتىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ پۇتىن ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزدى. زىياپەتتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ھەمدە ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتنىشىشقا كېلىشتى ھەم ئىككى دۆلەت قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە باتۇرلۇق بىلەن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە يەر شارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دېموكراتىيە قارىشى، تەرەققىيات قارىشى، خەۋپسىزلىك قارىشى، تەرتىپ قارىشى جەھەتتىكى ئورتاق مەيدانىنى مەركەزلىك ئىزاھلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەنە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىر يۈرۈش ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ