24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق باشلاندى

2022.02.08 09:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى​

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلار قاتارلىقلار قاتناشتى

  2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭ 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭ 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

  2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بېيجىڭ دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ساليۇت ماھارىتى كۆرسىتىش.□

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ خۇيۋو فوتوسى

  قار - مۇز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىش. 2022 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن بېيجىڭ 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكىتى يەنە بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىق، تىنچلىق، دوستلۇق گۈزەل مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  تۈن پەردىسى ئاستىدىكى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، ئىنتايىن كۆركەم تۈسكە كىرگەنىدى، چاڭگا شەكلىدىكى دۇنياغا داڭلىق بۇ ئىمارەت پات ئارىدا تارىخ يارىتىپ، دۇنيادىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت «قوش ئولىمپىك»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى تەنتەربىيە مەيدان - سارىيىغا ئايلىنىدۇ.

  سائەت 19دىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، خان جەمەتى ئەزالىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئالتۇن رەڭلىك زال جۇلالىنىپ، باھار بايرىمىلىق خۇشال كەيپىيات ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قايناق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

  باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولدى. شادىيانە مۇزىكىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ، خېبېيدىن ئىبارەت ئىككى جايدىن كەلگەن ئامما مەيدانغا كىرىپ، ئاددىي ھەم ئوتتەك قىزغىن مەيدان ئۇسسۇلى ئويناپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار، دوستلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. مەيداندىكى غايەت زور «بەخت» خېتى جۇڭگونىڭ باھار بايرىمىدىكى خۇشال كەيپىياتنى ياراتتى. چوڭ ئېكراندا، دۆلىتىمىزدىكى خېبېي جاڭجياكوۋ، خېيلۇڭجياڭ خاربىن، جياڭسۇ نەنجىڭ قاتارلىق ئون شەھەردىن كەلگەن ئامما دۇنياغا جۇڭگونىڭ «300 مىليون كىشى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش» قىزغىنلىقى ۋە قايناق ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گوتېررېسمۇ سىنلىق سۆز قىلدى. مەيدان ئىچىدىكىلەر، مەيدان سىرتىدىكىلەر، جۇڭگو، دۇنيا «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» ناملىق قار - مۇز شادلىق ناخشىسىنى ئورتاق ئېيتتى.

  سائەت 19دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ مەركىزىدىكى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق قار - مۇزدەك پارقىراق غايەت زور ئېكراندا «باھار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك» دېگەن جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقىدىكى خەت كۆرۈندى. «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن باخ قاتارلىقلار بىلەن بىللە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دەل جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى تۇنجى مەۋسۇم − «باش باھار». دەل سائەت 20دە، باشلىنىش مۇراسىمىدىكى تەتۈر ساناق نومۇر كۆرسىتىش جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كالېندارىدىكى ۋاقىتنىڭ ئايلىنىشىدا باشلاندى. چوڭ ئېكراندا 24 مەۋسۇم تەرتىپ بويىچە كۆرۈندى. پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار رەقەم ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بىردەك توۋلىدى: 10، 9، 8، 7، 6، 5، 4، 3، 2، 1 ... ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ مەركىزىدىكى ئېكراندا تولۇن ئاي كۆتۈرۈلۈپ، رەڭدار كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلىپ، مامكاپ ئۇرۇقى كۆكتە ئۇچۇپ، رەڭدار ساليۇتلار نياۋچاۋ ئاسمىنىنى يورۇتۇپ، «باش باھار»نىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقى شەكلى پورەكلەپ ئېچىلىپ، قىش كۈنلىرىدە باھارنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزمەكتە ئىدى.

  دىكتور تاماشىبىنلارغا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخنى تونۇشتۇردى، شى جىنپىڭ بىلەن باخ ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا يەنە بىر قېتىم قىزغىن چاۋاك ساداسى ياڭرىدى.

  بىر ئۆسمۈر شياۋخاۋ ماھىرى «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنىڭ لەرزان مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. جۇڭگودىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر، ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەر، 56 مىللەت ۋەكىللىرى چاقناپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئىككى قولى بىلەن تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ بايراق چىقىرىش رايونىغا ئاستا - ئاستا يەتكۈزۈپ، ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، كۆكتە جەۋلان قىلدى.

  مەيداندىكى چىراغ نۇرلىرى غۇۋالاشتى، بىر تامچە مۇز رەڭگىدىكى كۆك رەڭلىك سىياھ غايەت زور تىك ئېكراننى بويلاپ ئاسماندىن چۈشۈپ، خۇاڭخې دەرياسى سۈيىنىڭ تۈسىگە كىرىپ، توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقتى، مەۋج ئۇرۇۋاتقان دولقۇن بىر پارچە قار - مۇز دۇنياسى بولۇپ ئۇيۇشتى. بىر غايەت زور بىڭلىفاڭ قار - مۇز دۇنياسىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، 23 نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرلەرنىڭ تارىخىدىن ئۆتۈپ، 24 «لازېر نۇرلۇق ئويۇش پىچىقى»نىڭ ئويۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە چاقناپ، ئەڭ ئاخىرىدا «2022 جۇڭگو بېيجىڭ»دا توختىدى. ئالتە نەپەر مۇز توپ تەنھەرىكەتچىسى مەيدانغا «تېيىلىپ»كىرىپ، كالتەك بىلەن توپ ئۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ، «لازېر نۇرلۇق ئويۇش پىچىقى»نىڭ تېزلىكتە ئويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىڭلىفاڭنى پارقىراق ھەم سۈزۈك قار - مۇزدىن ياسالغان بەش ھالقىغا ئايلاندۇردى.

  سائەت 20دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى باشلاندى. قار - مۇزدىن ئويۇلغان بىر «جۇڭگو دەرۋازىسى» ئېچىلدى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغان جايدىن كەلگەن گىرېتسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدى بىلەن مەيدانغا كىردى، كېيىنكى نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي ئىتالىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كىردى، باشقا دۆلەت ۋە رايون ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە خەت بىخۇا تەرتىپى بويىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەيدانغا كىردى. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە جەمئىي 91 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشتى. كەلگۈسى 16 كۈندە، 3000غا يېقىن تەنھەرىكەتچى بەش ھالقىلىق بايراق ئاستىدا بىر مەيداندا مۇسابىقىلىشىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر دۇنياغا داڭلىق 19 مۇزىكىنى ئارقىمۇئارقا ئۇلاش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئارقا كۆرۈنۈش مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىپ، پات - پات تاماشىبىنلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىپ، ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

  «ۋەتەننى كۈيلەيمىز» ناملىق جۇشقۇن مېلودىيە ساداسى ئىچىدە، ساھىبخانا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كىردى، ئىككى بايراق كۆتۈرگۈچى − جۇڭگونىڭ پولات جازىلىق قار ئاپتوموبىلى ئايال ماھىرى جاۋ دەن بىلەن تېز مۇز تېيىلىش ماھىرى گاۋ تىڭيۈ سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭدى. مەيداندا گۈلدۈراس چاۋاك سادالىرى ياڭرىدى، ئالقىش سادالىرى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن جەمئىي 388 كىشى قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تەنھەرىكەتچى 177 كىشى بولۇپ، ئىلگىرىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا جۇڭگودىن قاتناشقان ئادەم سانىدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

  تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ يېتەكلىگۈچىلىرى قار ئۇچقۇنى شەكلىدىكى يېتەكلەش تاختىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىريەرگە جەم بولۇپ «چوڭ قار ئۇچقۇنى»نى ئورتاق شەكىللەندۈردى، چوڭ ئېكراندا «تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش» ناملىق قىسقا فىلىم قويۇلۇپ، باشلىنىش مۇراسىمىدىكى «دۇنيا ئېجىل - ئىناق بولۇش، جاھاندىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» تىن ئىبارەت باش تېمىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ئارقىدىنلا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي چى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە يولۋاس يىلىدىكى باھار بايرىمى پەيتىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە ئەزىز مېھمانلار بېيجىڭغا جەم بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، بېيجىڭنىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گە ئايلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى، جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئۈچۈن يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق پۈتۈشىگە گۇۋاھ بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى تۈرتكە بولۇشى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولۇشتىن ئىبارەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قاتارلىق تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم تەسىرىنى يېڭىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قەرەلىدە باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ئىنسانلارنىڭ قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتەك ئېگىلمەس - سۇنماس قىياپىتىنى نامايان قىلدۇق. بىز قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى.

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ سۆز قىلدى. ئۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى، جۇڭگو ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە بارلىق جۇڭگو خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى. باخ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلىرى يەر شارىۋى قىشلىق تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى، بۇ، يەر شارىۋى قىشلىق تەنھەرىكەتكە قاتنىشىش دەرىجىسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقى ۋە پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىشلىق تەنھەرىكەت ھەۋەسكارلىرىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

  سائەت 21دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، باشلىنىش مۇراسىمى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ: بېيجىڭ 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى! دەپ جاكارلىدى. شۇ ھامان، پۈتۈن مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساليۇتلار بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، بوشلۇقتا «يىڭكېسۇڭ قارىغىيى» شەكلىنى ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن مېھمانلارغا بولغان قارشى ئېلىش ئىپادىلەندى، چاۋاك ساداسى، ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.

  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 76 نەپەر ياش تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىپ، بىرلىكتە سەپ بولۇپ ماڭدى. ئۇلار ماڭغان جايدىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، يۇقۇمنى ئورتاق يېڭىپ، ئارزۇ ئۈچۈن قايناق ھېسسىيات بىلەن ئېلىشقانلىقى نامايان قىلىنغان ئۇزۇن يۆگىمە سۈرەت ئاستا - ئاستا ئېچىلدى، ئۇ بەئەينى سۈرەتتىن ھاسىل بولغان جىمجىت ئېقىۋاتقان ئەزىم دەرياغا ئوخشايتتى. دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە قۇتقا سىمۋول قىلىنغان جۇڭگو تۈگۈچىنىڭ نەقىشى بارا - بارا «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقىغا ئۆزگىرىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇ - ئۈمىدنى ئىپادىلىدى.

  «تەسەۋۋۇر» ناملىق لەرزان ناخشا ساداسى ئىچىدە، قىزىل رەڭلىك تەنھەرىكەت كىيىمى كىيگەن 24 نەپەر مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، زەپەردەست قىياپەتتە مۇز ئۈستىدە تېيىلىپ، ئۇزۇن ئىز قالدۇردى، ئۇلار قالدۇرغان ئىزدا «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش» دېگەن ئولىمپىك يېڭى ھېكمەتلىك سۆزى پەيدا بولۇپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. بوشلۇقتا، ئېگىز سۇپىدىن سەكرەپ قار تېيىلىشقا تەقلىد قىلىنغان پارقىراق ئادەم شەكلى قار - مۇزدىن شەكىللەنگەن بەش ھالقىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىك ئېكراندىكى سىنلىق كۆرۈنۈشتە تۈرلۈك قار - مۇز تەنھەرىكەتلىرى كۆرسىتىلىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ گۈزەللىكى ئورتاق نامايان قىلىندى.

  ئالتە نەپەر بايراق كۆتۈرگۈچى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى. ئۇلار جۇڭگونىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى قىشلىق تۈر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى − يېڭى جۇڭگونىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرى بويىچە تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى لو جىخۇەن، جۇڭگونىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر تۈرىدە تۇنجى قېتىم مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىسى لى جياجۈن، جۇڭگونىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تۈرىدە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلغان قوش كىشىلىك تېيىلىش ماھىرى شېن شۆ، جۇڭگونىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قار ئۈستى تۈرىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى خەن شياۋپېڭ، ۋانكۇۋېر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ قىسقا يولدا تېز تېيىلىش كۈچ ئۇلاش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى جاڭ خۇي، جۇڭگونىڭ تېز مۇز تېيىلىش تۈرىدە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلغان تەنھەرىكەتچى جاڭ خۇڭ.

  خېبېي فۇپىڭ تاغلىق رايونىدىن كەلگەن 44 نەپەر بالا گىرېك تىلىدا ئولىمپىك ناخشىسىنى ئېيتتى. ناخشا ساداسى ئىچىدە، ئولىمپىك بايرىقى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن بىللە ئېگىز جەۋلان قىلدى.

  بەش ھالقىلىق بايراق ئالدىدا، جۇڭگونىڭ دالىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى ۋاڭ چياڭ بىلەن يەككە تاختىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى ليۇ جيايۈ، جۇڭگو ئەركىن قار تېيىلىش رېپېرى تاۋ يۇڭچۈن، جۇڭگو يەككە تاختىدا قار تېيىلىش تىرېنېرى جى شياۋئوۋ ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، رېپېرلار، تىرېنېرلار ھەم ئەمەلدارلارغا ۋاكالىتەن قەسەم بەردى.

  چوڭ ئېكراندا قويۇلغان «كەلگۈسىدىكى چېمپىيونلار» ناملىق قىسقا فىلىم پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئەمدىلا ئايىغى چىققان ئوماق بالىلار قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ھەۋەسكارلىرىغا ئايلاندى، گەرچە قايتا - قايتا يىقىلىپ، يەنە ئورنىدىن تۇرغان بولسىمۇ، ئوڭۇشسىزلىققا باشتىن - ئاخىر كۈلۈمسىرەپ يۈزلەندى، ئەركىن، يۇمۇرلۇق كۆرۈنۈشلەر تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈۋەتتى. كۈلكە سادالىرى ئىچىدە، سەبىي، ئوماق بالىلار تەنتەربىيە مەيدانىدا پەيدا بولدى. ئۇلار قوللىرىدا نۇر چاقناپ تۇرغان «ئاق كەپتەر»نى تۇتۇپ، ئەركىن خۇشال يايراپ يۈگۈرۈپ، تەرەپ - تەرەپتىن تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توپلىشىپ، يۈرەك شەكلىنى ھاسىل قىلىپ «چوڭ قار ئۇچقۇنى» ئەتراپىنى ئوراپ تۇردى.

  سائەت 22 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ئولىمپىيەدىن ئېلىنغان ئولىمپىك ئوتى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىغا يەتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە بېيجىڭ، يەنچىڭ، جاڭجياكوۋدىن ئىبارەت ئۈچ مۇسابىقە رايونىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئولىمپىك ئورمان باغچىسى، يىخېيۈەن، بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى، بۈيۈك قانال ئورمان باغچىسى... ئولىمپىك ئوتى قەدىمكى بىلەن ھازىرقى زاماننى كېسىپ ئۆتۈپ، تارىخ بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ، دۇنياغا مول ۋە قىممەتلىك، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىگە تولغان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى نامايان قىلدى.

  يەتتە نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئالتىگە بۆلۈنۈپ، تەنتەربىيە مەيدانى ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى مەشئەل يەتكۈزۈشنى ئېلىپ باردى. ئىلگىرى ئۇدا 11 قېتىم تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تۈرىدە مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولغان «50 - يىللاردا تۇغۇلغان» تەنھەرىكەتچى جاۋ ۋېيچاڭ، كالگارى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا يولدا تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە بىر ئالتۇن مېدال، ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشكەن «60 - يىللاردا تۇغۇلغان» تەنھەرىكەتچى لى يەن، سولت لېيك شەھىرى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغان «70 - يىللاردا تۇغۇلغان» تەنھەرىكەتچى ياڭ ياڭ، ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ئاسىيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» تەنھەرىكەتچى سۇ بىڭتيەن، سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ 1500 مېتىرلىق قىسقا يولدا تېز مۇز تېيىلىش تۈرىدە ئۇدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» تەنھەرىكەتچى جوۋ ياڭدىن ئىبارەت ئىلگىرى شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان جۇڭگو تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئەڭ ئاخىرقى مەشئەل «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئىككى تەنھەرىكەتچى − دالىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى دىلنىگار ئىلھامجان، شىمالىي ياۋروپا ئىككى تۈر تەنھەرىكەتچىسى جاۋ جياۋېننىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى. ھەممەيلەننىڭ دىققىتىدە ئىككى مەشئەل يەتكۈزگۈچى «ئاق كەپتەر» بىلەن ئورالغان «چوڭ قار ئۇچقۇنى»غا قاراپ يۈگۈرۈپ، مەشئەلنى «چوڭ قار ئۇچقۇنى»نىڭ مەركىزىگە كىرگۈزۈپ، بارلىق ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قار ئۇچقۇنى شەكلىدىكى يېتەكلەش تاختىسىدىن تەركىب تاپقان بۇ ئاساسىي مەشئەلنى شەكىللەندۈردى. ئاساسىي مەشئەلدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم «سۇس ئوت» شەكلى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يېشىل، مۇھىت قوغداش ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىندى.

  رەڭدار ساليۇتلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، پۈتكۈل تەنتەربىيە مەيدانى بىردىنلا شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.

  بۇ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان پەيت، بۇ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكىتىدىكى يەنە بىر شانلىق دەقىقە. ئالتە يىلدىن كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى تىرىشچانلىقى، جاسارىتى ۋە ئەقىل - پاراسىتى بىلەن جەزمەن دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىدۇ.

  بۈگۈن كېچە، بېيجىڭ دۇنياغا قۇچاق ئاچتى!

  بۈگۈن كېچە، دۇنيا بېيجىڭغا كۆز تىكتى!

  باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلاردىن: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىما، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، قاتار ئەمىرى تامىم، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد، پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچى، ليۇكسېمبۇرگ كىنەزى ھېنرى، موناكو شاھزادىسى ئالبېرتⅡ، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس، ئېكۋادور زۇڭتۇڭى لاسسو، موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئويۇنئېردىنى، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران. خان، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تېگېلتىجا، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ماراپى، كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پياۋ بىڭشى، تايلاند مەلىكىسى سىرىندورن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گوتېررېس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى شاھىد، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دېڭ خۇڭسېن، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى ترويجو، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ مىڭ قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، جەمئىي 70كە يېقىن دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەكىللىرى بار.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى خۇڭ شيۇجۇ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ