شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن زىياپەت تەييارلاپ بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى

2022.02.08 09:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ زىياپەتتە سۆز قىلماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتە بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

  جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، خەلق سارىيىغا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلغان بولۇپ، «بىڭدۈندۈن»، «شۆرۇڭرۇڭ» كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، چۇنليەن بەخت خېتى، باھار بايرىمىلىق قەغەز قىيما رەسىم، جۇڭگو تۈگۈچى قويۇق باھار بايرىمى تۈسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

  سائەت 11دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار ئارقا-ئارقىدىن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، پەلەمپەي بىلەن يۇقىرىغا قاراپ ماڭدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى سەپ تۈزۈپ قارشى ئېلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

  خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كارىدورىدىن ئۆتۈپ، ئارىلاپ قەدەملىرىنى توختىتىپ ھۇزۇرلاندى. بىر بۆلەك ئېسىل جۇڭگو «بۇتخانا سەيلىسى» جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، قويۇق دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارغا قىزغىنلىق بىلەن قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە ئالتۇن رەڭلىك زالغا كىردى.

  ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىدىن تەركىب تاپقان بايراق سېپى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلغانىدى. ئالتۇن رەڭلىك زالدا رەڭدار گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، جۇلالىنىپ تۇراتتى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باش تېمىسىدىكى گۈل تەكچىسى كۆزنى قاماشتۇراتتى، «شۆفېيتيەن»، «شۆيوۋلۇڭ»، «شۆرۇيى» كۈمۈش لىباسقا ئورالغان تۇتاش كەتكەن ئورمانلىق ۋە يېشىللىققا پۈركەنگەن بىپايان تۈزلەڭلىكتە يېيىلىپ، بىر پارچە گۈزەل جۇڭگو يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلغانىدى. گۈل تەكچىسىنىڭ مەركىزىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

  زىياپەت باشلاندى. شى جىنپىڭ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۈنۈگۈن كەچ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى. ئارىدىن 14 يىل ئۆتۈپ، ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى يەنە بىر قېتىم بېيجىڭدا يالقۇنجىدى، بېيجىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گە ئايلاندى. جۇڭگو يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولۇشتىن ئىبارەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قەرەلىدە، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىسىگە كىرگۈزۈپ، 300 مىليون كىشىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئولىمپىك ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىياتقا بولغان گۈزەل ئىنتىلىشى يۈكلەنگەن. بىز ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۇنيا تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بىز ئولىمپىك تەنھەرىكىتى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورتاق خىرىسقا ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىناق، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا چوڭ ئائىلىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بىز ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە يولۋاس يىلىنى يېڭىلا كۈتۈۋالدى. يولۋاس كۈچ، باتۇرلۇق، جاسارەتنىڭ سىمۋولى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىنىڭ يولۋاسقا ئوخشاش كۈچكە تولۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چوقۇم تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ.

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارغا ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: بىز تۈنۈگۈن كەچتىكى ئاجايىپ قالتىس، كاتتا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز. جۇڭگو خەلقى ئۈنۈم، ئىرادە ۋە ھاياتىي كۈچ بىلەن شۆھرەت قازانغان، مەيلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا بولسۇن ياكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتە بولسۇن ھەممىسى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو 300 مىليون كىشىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، دۇنيا قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئەندىزىسىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو ۋە دۇنيانى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. قائىدىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ بولغان، ياخشى سۈپەتلىك رىقابەت ئارقىلىق دۇنيانى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ بۇرچى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نىشانى بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىققا تېخىمۇ موھتاج. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىختىلاپلاردىن ھالقىپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  زىياپەت شاد-خۇرام، ئىناق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى. زىياپەت ئاخىرلاشقاندا، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار بىلەن «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە قول ئىشارىسى قىلىپ خوشلاشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۇنلەن، ياڭ جيېچى، سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ