مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك

2022.01.17 09:24 مەنبە: خەلق تورى

  1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، قاپلاش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، يەر شارىۋى مۇھىم ئامىل بايلىقىنى قايتا تەشكىللەش، يەر شارىۋى ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى قايتا يارىتىش، يەر شارىۋى رىقابەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلانماقتا. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى، تەرەققىيات، بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، غايەت زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات ۋە مول ئەمەلىي كۆرۈنۈش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكا ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز، ئەلالاشتۇرۇشىمىز، زورايتىشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈپ، دۆلەت قاتلىمىدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. مۇشۇ يىللاردا، دۆلىتىمىز رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز، مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، دۇنيادىكى رەقەملىك ئىقتىساد چوڭ دۆلەتلىرى، كۈچلۈك دۆلەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى چوڭ ئەمما كۈچلۈك ئەمەس، تېز ئەمما ئەلا ئەمەس. يەنە شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا بەزى ساغلام بولمىغان، قېلىپلاشمىغان بىخ ۋە يۈزلىنىش كۆرۈلدى، بۇ مەسىلىلەر رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلدى، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈردى، ئۇنى جەزمەن قەتئىي تۈزىتىش ۋە تۈزەش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، دۆلەتنىڭ رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى رەقەملىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەقەملىك ئىقتىساد دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە ئىمكانىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار رەقەملىك ئىقتىساد تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ رەقەملەشتۈرۈش ساپاسى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىز رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ