مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2021.12.30 10:01 مەنبە: خەلق تورى

  «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ ساھەلەردىن كەلگەن ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆھبەتلەشتى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جياڭ جيەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ نەشر قىلىنىشى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ كۆلەمدە دىققەت قوزغىدى.

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ يىبىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرىدىغان قىممەت ئىنتىلىشى ۋە جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى نامايان قىلدى، پارتىيەمىزنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرىدىغان، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسىي تەرەققىيات يولى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان ئىزچىل مەيدانى، تەشەببۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  «بۇ ئەسەردە جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى يېڭى ئىدىيەسى بىلەن يېڭى ئەمەلىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا قارىتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى CGTN ئاقىللار ئامبىرىنىڭ نىگېرىيەلىك تەتقىقاتچىسى ۋۇ يىڭشيۇڭ. بېنگالدىن كەلگەن بېيجىڭ فۇۋەي دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى مىسباخۇل فىردوئۇس مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگودىكى ئاغرىقلار ئومۇميۈزلۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە ئېرىشتى، جۇڭگو يەنە باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا دوختۇر ئەۋەتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى تولۇق نامايان قىلدى. پاكىستاندىن كەلگەن يەر شارىۋى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى مىڭجۇ مۇنداق دېدى: «<شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر>نىڭ ئوخشاش بولمىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى چۈشىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  شىنەن سىياسى قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى جاڭ يۇڭخې مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق كىرىزىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان سىنتاش بولدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئۈلگىلىك نەتىجە ياراتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى دەرسلىك قىلىنىشى كېرەك. جۇڭگو خەلق داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوتسېنتى مېڭ تاۋ مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ئىدىيەۋىلىك، سىستېمىچانلىق ۋە ئەمەلىيەتچانلىق قاتارلىق روشەن نەزەرىيە ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئوۋياڭ چيەنشى مۇنداق بىلدۈردى: غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى سۆز مونوپوللۇقىنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدىكى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پۈتۈن دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگونى كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 335 بۆلەك بايان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك خېتى، يوليورۇقى قاتارلىق 160 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەت - ئەسەردىن ئېلىنغان ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ