مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى​

ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىش كېرەك​

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2021.12.30 09:23 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  12 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  ■ پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىگەنلىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك

  ■ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ بىرنەچچە يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە يىل بولدى. پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيونلارغا، ئىستراتېگىيەچىلەرگە خاس جاسارەت ۋە پاراسەت بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى چوڭ ۋەزىيىتىنى پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ بىزگە بەرگەن بىر مۇھىم ئىلھامى شۇكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىنى قەتئىي قوغداش پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور پەيتتە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كەسكىن تاللاشنى چىقىرىشىدىكى ئاچقۇچ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم كاپالەت. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار جەزمەن باشلامچىلىق بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداپ، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك

  ■ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، بىزنىڭ داۋاملىق ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش - تاپشۇرالماسلىقىمىزدىكى ئاچقۇچ مۇستەھكەم تارىخىي ئىشەنچنىڭ بار - يوقلۇقىدا. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ بېغىشلىدى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ ئىناق - ئېجىللىقى ئۈچۈن كۈچ بېغىشلىدى، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇشتا، جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي ئىشەنچكە ئىگە بولۇشتىكى ئەڭ زور ئاساسى، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگودا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەم ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تارىخىي ئىشەنچى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى تارىخىي ئىشەنچى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز تامامەن شۇنداق دېيەلەيمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشىنى يەردە قويمىدى

  ■ پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى پارتىيەنىڭ جېنى، تارىخنى خۇلاسىلەش داۋامىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى. پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكتۇر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە

  ■ پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارىنىڭ چىقىرىلىشى پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋردىكى ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، «قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز»دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانداق بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، شۇ ئارقىلىق قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشنى باش تېما قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر يىلدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندىن بۇرۇن، ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، پىكىرلىشىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، سۆز قىلىش تېزىسىنى يازدى. يىغىندا «2021 - يىللىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» ۋە «2021 - يىللىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى. ئارقىدىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر - بىرلەپ سۆز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار سۆزىدە، يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ تونۇشى ۋە ئويلىنىشى ئۈستىدە توختالدى، ھەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى، قاتتىق بولۇش، ئەمەلىي بولۇش تەلىپىنى نامايان قىلدى، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ئەسكەرتىش كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارىنى تۈزۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى گىرەلىشىپ تەسىر كۆرسەتتى، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە جاپالىق بولدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى تېز زورايدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ساقلاندى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، كۆپ خىل ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش پۇختا، ئۈنۈملۈك بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىشلىرى يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىگەنلىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ بىرنەچچە يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە يىل بولدى. پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيونلارغا، ئىستراتېگىيەچىلەرگە خاس جاسارەت ۋە پاراسەت بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى چوڭ ۋەزىيىتىنى پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ بىزگە بەرگەن بىر مۇھىم ئىلھامى شۇكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىنى قەتئىي قوغداش پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور پەيتتە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كەسكىن تاللاشنى چىقىرىشىدىكى ئاچقۇچ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم كاپالەت. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار جەزمەن باشلامچىلىق بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداپ، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىن باشلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىن قول سېلىپ، «تۆت خاھىش»نى كۈچەپ تۈزىتىپ، پارتىيە ئىستىلىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە نۇقسانلارنى ھەل قىلدۇق. بۇ يىل، بىز پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. بىز شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ئىبارەت جاھىل كېسەلنى داۋالاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش دائىملىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدۇق. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلى سىجىل ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل كېسەلنىڭ باش كۆتۈرۈش يوشۇرۇن خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىللىق ۋە تەكرارلىنىشچانلىققا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەكلى ئۈزلۈكسىز يېڭىلانماقتا. ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار داۋاملىق تىرىشىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ياخشى باشلامچى بولۇشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: كېلەر يىلى پارتىيەمىز مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە يېڭى تەدبىر، قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش سۆزىنى خۇلاسىلىدى ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى نەتىجە - ئۈنۈملۈك ئېچىلىپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇلدى، مەسىلىلەر تېپىپ چىقىلدى، يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاشقا زور ياردىمى بار.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز 100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇھىم، زور مۇۋەپپەققىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى. پارتىيە تارىخى ئەڭ جانلىق، ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە دەرسلىك. پارتىيەمىز ئەزەلدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. تارىخىي مۇساپىگە بولغان تونۇش قانچە ئەتراپلىق بولغانسېرى، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەش قانچە چوڭقۇر بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ تارىخىي ئەقىل - پاراسىتى شۇنچە مول بولىدۇ، ئىستىقبالىنى ئىگىلەشتە شۇنچە تەشەببۇسكار بولىدۇ. بۇ يىل، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تەكىتلەش − تارىخىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، بىزنىڭ داۋاملىق ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش - تاپشۇرالماسلىقىمىزدىكى ئاچقۇچ مۇستەھكەم تارىخىي ئىشەنچنىڭ بار - يوقلۇقىدا. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ بېغىشلىدى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ ئىناق - ئېجىللىقى ئۈچۈن كۈچ بېغىشلىدى، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇشتا، جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي ئىشەنچكە ئىگە بولۇشتىكى ئەڭ زور ئاساسى، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگودا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەم ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تارىخىي ئىشەنچى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى تارىخىي ئىشەنچى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز تامامەن شۇنداق دېيەلەيمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشىنى يەردە قويمىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنى بىلىش تارىخىي ئىشەنچنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىغا دائىر مەسىلىلەرنى ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، بۇ مەسىلىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىشتا، يەنىلا پارتىيەنىڭ پارتىيە تارىخىغا قارىتا كەسكىن، ئومۇميۈزلۈك، نوپۇزلۇق ھالدا ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىشىغا ھەم مۇشۇ ئاساستا پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تۇرغۇزۇپ، توغرا تارىخنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە بارلىق خەلققە، بولۇپمۇ كەڭ ياشلارغا تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي ئەسلىمىلەرنى مۇستەھكەملەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى پارتىيەنىڭ جېنى، تارىخنى خۇلاسىلەش داۋامىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى. پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكتۇر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارىنىڭ چىقىرىلىشى پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋردىكى ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، «قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز»دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانداق بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، شۇ ئارقىلىق قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ماركسىزمنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ دۇنياغا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش مۇساپىسى كۈرەشنىڭ جاپا - مۇشەققىتىگە تولغان. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ قىيىنلىقى، قان تۆكۈپ، قۇربان بېرىشنىڭ ئېچىنىشلىقلىقى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز بىر قاتار مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى باشتىن كەچۈردۇق، بىز قىلچە قورقۇپ قالماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق. يېڭى دەۋر شارائىتىدا، بىز پارتىيە توپلىغان ئۇلۇغ كۈرەش تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش تاكتىكىسىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، قانچە جاپالىق، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قورقماس جاسارەتنى ساقلاپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش تەس بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ ۋەزىيەت، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتنى قەلبىگە پۈكىشى، ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سېلىشى، چوڭقۇر پىلانلاپ، ئەمەلىي ئويلىشى، شەخسىي پايدا - زىياننى كۆزلىمەسلىكى، نام - مەنپەئەتنى قوغلاشماسلىقى، ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى مۇھىم بىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن قەلبداش بولۇشى، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇشى، تەقدىرداش بولۇشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، غايە - ئېتىقاد ئىچىدىن چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، كەلگۈسىنى كۆزىتىشتىكى يول كۆرسەتكۈچ نۇرلۇق چىراغقا ئېرىشىشى، كۈرەش قىلىشنى توختاتمايدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەشتە بوشاڭلىق قىلمايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئېرىشىشى، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان، قويۇق تۇماننى تازىلىيالايدىغان سىياسىي ئۆتكۈر كۆزگە ئېرىشىشى، چىرىتىشكە تاقابىل تۇرالايدىغان، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان كۈچلۈك قارشى تۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، ئۆزى قەتئىي سەگەك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئاڭلىق كۈچىشى، بولۇپمۇ ناچار خاھىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك. ناھايىتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىگە، ئالدىن كۆرەرلىك نەزەر دائىرىگە ئىگە بولۇپ، دىققەتنى يېڭى ئەمەلىيەت ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەدبىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، كەم - كوتسىز ئىجرا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھە، ئۆزى مەسئۇل بولغان تارماقلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئېچىش مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كېلەر يىللىق خىزمىتىدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەر تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى دەل نۆۋەت ئالمىشىدىغان يىل. رەھبىرىي يولداشلار سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، تەشكىلىي ئىنتىزام، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنى تەشكىلگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا، ئۆزىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا، چوڭ ۋەزىيەتكە بويسۇنۇپ، تەشكىلگە بويسۇنۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنۇپ، كوممۇنىستلاردا بولۇشقا تېگىشلىك جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، بارلىق زېھنىي كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا سەرپ قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى، بەزىلىرى مەركەزنىڭ خىزمىتىگە چېتىلىدۇ، بەزىلىرى تارماقلارنىڭ خىزمىتىگە چېتىلىدۇ، بەزىلىرى يەرلىكنىڭ خىزمىتىگە چېتىلىدۇ، يىغىندىن كېيىن چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ