مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى مالپاس بىلەن كۆرۈشتى

2021.12.14 19:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى مالپاس بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «6+1» يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى سەمىمىي ھەم ئۈنۈملۈك بولدى. بىز يېقىندىلا مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاچتۇق. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەيدۇ. يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا، بىز مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلايمىز. بىز ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەم قىيىنچىلىققا توغرا قاراپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. ماكرو سىياسەت مۇقىم، ساغلام، ئۈنۈملۈك بولۇشى، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى، دەل جايىدا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پۇختا پۇل سىياسىتى جانلىق، مۇۋاپىق بولۇشى، يۈرۈشۈشچانلىقى مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ ماكرولۇق سىياسەتنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش چارىسىنى قوللىنىپ مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، زور مىقداردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تىرەك بولىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىقتىدارىمىز بار.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇنيا بانكىسى دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۆپ تەرەپلىك ئاپپارات، جۇڭگو بىلەن دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇناسىۋىتى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بىز دۇنيا بانكىسى بىلەن مەبلەغ، بىلىم قاتارلىق جەھەتلەردە زىچ ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن كۆپ تەرەپچىللىك ۋە يەر شارىۋى تەرەققىيات ئىشلىرىنى قوللاشنى خالايمىز. جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ 20-قارارلىق مەبلەغ كۆپەيتىش سۆھبىتىنى قوللايدۇ، ئىجابىي رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

  مالپاس ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن «6+1» يۇمىلاق ئۈستەل سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىدىن ناھايىتى خوشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلىغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا بانكىسى جۇڭگو بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان ياخشى ھەمكارلىشىپ كەلدى، كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن داۋاملىق قەرز بېرىش، نامراتلارنى ئازايتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە سىجىل ھەمكارلىشىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ 20-قارارلىق مەبلەغ كۆپەيتىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

  شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ