مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ فىنلاندىيە پارلامېنت باشلىقى ۋېخېۋېلېنىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.12.13 12:18 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 12–ئاينىڭ 10–كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا فىنلاندىيە پارلامېنت باشلىقى ۋېخېۋېلېنىن بىلەن سىن شەكلىدە سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ نىنىستونىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو-فىنلاندىيە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە دوستانە ھەمكارلىقىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو فىنلاندىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭگو- فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پىشىپ يېتىلگەن ۋە پۇختا جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك جۇڭگو-فىنلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىنى؛ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سودا سېلىنمىسى، ئۇچۇر-ئالاقە، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى؛ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مېھرىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قىشلىق تەنھەرىكەت ھەمكارلىقى جۇڭگو-فىنلاندىيە ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەرىپى، كېلەر يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ فىنلاندىيەدە تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، فىنلاندىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو -فىنلاندىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى قويۇق دوستلۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى فىنلاندىيە پارلامېنتى بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پائال تۆھپە قوشۇشنى؛ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى، ۋەكىللەر بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى؛ قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، تۈزىتىپ ياكى ئېلان قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى؛ كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ جۇڭگونىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېموكراتىيە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى، ئۇنى خەلقنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك، دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلى بار، ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىش مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەرياندا خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىدە خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىدۇ.

  ۋېخېۋېلېنىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىنلاندىيە-جۇڭگو ئۇزاق دوستانە ئالاقە تارىخىغا ئىگە، ئىككى دۆلەت 2017-يىلى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. بۇلتۇر، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىدى. فىنلاندىيە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ھەم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىنلاندىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئەركىن سودا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، قىشلىق تەنھەرىكەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ