مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2021 ـ يىللىق چوڭ قولتۇق رايونى ئىلىم ـ پەن مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.12.13 09:43 مەنبە: خەلق تورى

  12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021 ـ يىللىق چوڭ قولتۇق رايونى ئىلىم ـ پەن مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يەر شارىۋى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۆجۈملىشىش، جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يەر شارىۋى ئىقتىساد قۇرۇلمىسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەشنى چۆرىدەپ، يەر شارىۋى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور ئىلىم ـ پەن مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئورتاقلىققا ئىگە پەن ـ تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ئىلىم ـ پەن تۈرلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىلىم ـ پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  2021 ـ يىللىق چوڭ قولتۇق رايونى ئىلىم ـ پەن مۇنبىرى شۇ كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى، باش تېمىسى «كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلىم ـ پەندىن ئورتاق بەھرىلىنىش» بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ