مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2021.12.13 09:39 مەنبە: خەلق تورى

  12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  ■ كېلەر يىلى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ-ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2021-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، 2022-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. لى كېچياڭ سۆزىدە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، «14-بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلىدى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچى تېز زورايدى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ئاشتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىلدى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئېھتىياجنىڭ تارىيىشى، تەمىنلەشنىڭ زەربىسى، كۆزلىمىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئىبارەت ئۈچ قات بېسىمنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك. ئەسىر يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىپ، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇشقا ۋە ئېنىقسىزلىققا يۈزلەندى. بىز ھەم قىيىنچىلىققا توغرا قارىشىمىز، ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمەيدۇ. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي بازىسنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن توغرىلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتىدە، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى توپلىدۇق. جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر، زور خىرىسلارغا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، بىردەك قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنىڭ تەلىپى، پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جەزمەن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى تەڭشەش ۋە ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشتا ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاۋۋال تۇرغۇزۇپ ئاندىن قالدۇرۇش، پۇختا، قەدەم-باسقۇچلۇق جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كېلەر يىلى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ-ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ماكرولۇق ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى پائال يولغا قويۇپ، سىياسەت جەھەتتە كۈچەشنى مۇۋاپىق ئالدىغا سۈرۈشى كېرەك.

  بىرىنچى، ماكرو سىياسەت مۇقىم، ساغلام، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دەل جايىدا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مالىيە چىقىمىنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش يېڭى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ياسىمىچىلىق، خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش قاتارلىقلارنى قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى مۇۋاپىق ئالدىن قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتى جانلىق، جايىدا بولۇش، ھەرىكەتچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىياتنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەش كېرەك. مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەۋر ھالقىغان ۋە تەتۈر دەۋرىيلىك ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، مىكرو سىياسەت بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇشى كېرەك. تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئارقىلىق باراۋەر رىقابەتلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى كارخانىلار بەس-بەستە تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى مۇھىتنى يارىتىش كېرەك. توختام روھىنى كۈچەيتىپ، يامان غەرەزدە پۇلنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك ۋە قەرزدىن قېچىش، ئۇنى يوققا چىقىرىش قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، قۇرۇلمىلىق سىياسەت خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، تەمىناتنى چەكلەيدىغان توسۇق نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروت، ئىستېمالدىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنى راۋانلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم كەسىپ ئاساسىنى قايتا يارىتىش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشلاپ، زور بىر تۈركۈم «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» كارخانىلارنى قوزغىتىش، بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىچكى قىسىم بىلەن سىرتنى تۇتاشتۇرىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئەشيا ئوبوروتى تورىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۇرالغۇنى ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىش، سودا ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىجارە ئېلىش-سېتىۋېلىشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجارە ئۆي بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاۋار ئۆي بازىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىنى قوللاپ، شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشى ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، پەن-تېخنىكا سىياسىتى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى يولغا قويۇش، ئۇل تەتقىقات بويىچە ئون يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلارنى قايتا تەشكىللەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، پۇختا بولغان پەن تەتقىقات ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشى كېرەك. مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئېلېكتىر تورى، تۆمۈريول قاتارلىق تەبىئىي مونوپول كەسىپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جايلارنىڭ ئىسلاھات ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەرقايسى جايلارنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسلاھ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا قارىتا دۆلەت پۇقراسىدەك مۇئامىلىدە بولۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ھالقىغان تېخىمۇ كۆپ شىركەتنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، مۇھىم، زور تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، رايونلار سىياسىتى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. رايونلارنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، جەمئىيەت سىياسىتى خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلىشى، تولۇق پۇختىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دائىم تۇرۇشلۇق جاي ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ئەمگەكچى ئىشلىتىش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى تۇغۇت سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە پائال يۈزلىنىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىچكى، تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلدى، بۇنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش زۆرۈر.

  ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە ئەمەلىيەت يولىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى شارائىتىدا، ھەم جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەت بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش ۋە توپلاش، ھەم ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئورتاق بېيىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق «تورت»نى زورايتىش، ياخشىلاش كېرەك، ئاندىن مۇۋاپىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق «تورت»نى ياخشى كېسىش، ياخشى بۆلۈش كېرەك. بۇ بىر ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي جەريان، پۇختا قەدەم بىلەن بۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەقسىماتنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئامىل بويىچە تەقسىملەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج يىغىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، يۆتكەپ چىقىم قىلىش قاتارلىقلارنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئارزۇسى، ئىقتىدارى بار كارخانا ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەر توپىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق-خەيرىيەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىياسەت-تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن دەل جايىدا تەمىنلەش كېرەك.

  كاپىتالنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى بىر ئۇلۇغ ئىجادىيەت، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىدە مۇقەررەر ھالدا ھەر خىل ھالەتتىكى كاپىتال مەۋجۇت بولىدۇ، كاپىتالنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلى بولۇشتەك ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ پاسسىپ رولىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش كېرەك. كاپىتال ئۈچۈن «قىزىل، يېشىل چىراغ» تەسىس قىلىپ، كاپىتالنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، كاپىتالنىڭ قارىغۇلارچە كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كاپىتالنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  دەسلەپكى مەھسۇلاتنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. تېجەشلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تېجەشلىك بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە، بايلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش، تۈجۈپىلەش، ئايلانما پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىستېمال ساھەسىدە، ئومۇمىي خەلقنىڭ تېجەشلىك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاددىي، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. دۆلەت ئىچى بايلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نېفىت-تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلارنى ئېچىش-قېزىش ئىلغار تېخنىكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قوللىنىشنى تېزلىتىش، تاشلاندۇقلاردىن ئايلانما پايدىلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مۇۋاپىق پايدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك.

  ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. داۋاملىق تۈردە چوڭ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈش، دەل جايىدا تۈگىتىش فاڭجېنى بويىچە، خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جايلار، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، ساھەلەرنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىشتە بايلىق يېتەرلىك بولۇش، خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش، كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىپ پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بىراق بۇ بىر قېتىملىق جەڭ بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، تېجەشلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوش چاقلىق قوزغىتىش، ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن راۋانلاشتۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنى تەدرىجىي چېكىندۈرۈشنى يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك سەپلىمىسى ئاساسىدا تەسىس قىلىش كېرەك. مەۋقەنى كۆمۈر ئاساس قىلىنغان ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆمۈر بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنى ئەلالاشتۇرۇپ گۇرۇپپىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربون تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. ئىلمىي تەكشۈرۈپ باھالاش كېرەك، يېڭىدىن كۆپەيگەن ھاسىلىي ئېنېرگىيە بىلەن خام ماتېرىيالنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى ئومۇمىي مىقدار بويىچە تىزگىنلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ، شارائىت ھازىرلاپ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش»نىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى «قوش تىزگىنلەش»كە ئۆزگىرىشىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشكە دائىر رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئاددىي ھالدا قاتلاممۇقاتلام تەقسىملەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ كارخانىلار بولۇپمۇ دۆلەت كارخانىلىرى باشلامچىلىق بىلەن تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. ئېنېرگىيە ئىنقىلابىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتى، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاشنى چۆرىدەپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ماكرو سىياسەتنى دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بازار سۇبيېكتى مىليونلىغان كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى زىممىسىگە ئالغان. بازار سۇبيېكتىغا داۋاملىق يۈزلىنىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش يېڭى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇشى، دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، باھانى تۆۋەنلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مالىيە كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى مەدەت بېرىش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز، تىرانسپورت قاتارلىقلارنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، توك بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىتىپ، بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، سىياسەتتە ھەممىسىگە بىر كۆزدە قاراش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، يەنە جەزمەن تارىخىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ، ئېكولوگىيە قارىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشى، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتا جەزمەن ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىش، جەزمەن سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىش، ئىلمىي پىلانلاش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، جەزمەن سىياسىي بىلەن ئىقتىساد، رېئاللىق بىلەن تارىخ، ماددا بىلەن مەدەنىيەت، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، بايلىق بىلەن ئېكولوگىيە، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارا قاتارلىق كۆپ تەرەپتىكى ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئىقتىسادشۇناسلىق بىلىملىرى، پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئېكولوگىيەگە ھۆرمەت قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەدبىر بەلگىلىشى، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزۈشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، قالايمىقان ئىش قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز، تىرانسپورتقا كاپالەتلىك قىلىش، تەمىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مۇلازىمەت قىلىش كاپالەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسى ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ