مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ شولىزنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

لى كېچياڭ شولىزغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.12.10 09:38 مەنبە: خەلق تورى

  12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئولاف شولىزغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ھەمدە دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلدى. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمىنىڭ گىرەلىشىشى، ئۈستىلىنىشى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى ئورتاق قوللاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقىنى نامايان قىلدى. مەن جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، شولىزنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مەن سىز بىلەن ياخشى خىزمەت ئالاقىسى ئورنىتىپ ھەم ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ـ گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دوستانە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ