مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئىسلاندىيە زۇڭتۇڭى يوھاننېسون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ ئىسلاندىيە زۇڭلىسى ياكبىس دوتىر بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.12.10 09:37 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئىسلاندىيە زۇڭتۇڭى يوھاننېسون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ـ سائادەت ياراتتى. مەن جۇڭگو ـ ئىسلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو ـ ئىسلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  يوھاننېسون مۇنداق بىلدۈردى: ئىسلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن تەتقىقات قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىقى قويۇق. ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللەنگەن، بەختلىك، بىخەتەر كەلگۈسىنى ئورتاق تىرىشىپ بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىسلاندىيە زۇڭلىسى ياكبىس دوتىر بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو ـ ئىسلاندىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەن جانابلىرى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو ـ ئىسلاندىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. ياكبىس دوتىر مۇنداق بىلدۈردى: ئىسلاندىيە ـ جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ ئېشىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئارىلىقىنىمۇ يېقىنلاشتۇردى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىسلاندىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ